ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-10-28
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا ئاساسلىقى ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق سەئىدىيىلەر دۆلىتىنى ئاغۇدۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىشىگە ئائىت تارىخىي مەلۇماتلار، تۈركىيە تارىخچىلىرى بىلەن خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ، قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرىنى ئىزدەپ تېپىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇملاتلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
2013-10-27
تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتىتى بىلەن بېيجىڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئورتاقلىشىپ خىتايدىكى تارىخىي ئابىدىلەرنى تېپىش رەتلەش خىزمىتىنى باشلاتقان بولۇپ، بۈگۈنگىچە كۆپ ساندا تاش يېزىق ئابىدە تاپقان.
2013-10-27
ياپونىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوجىلار تارىخىغا ئائىت تەزكىرە ۋە قول يازمىلىق مەنبەلەر خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىۋاسىتە خوجىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
2013-10-20
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان ،مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىمىلىرىم، ئۇيغۇر پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ناملىق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ داۋامى ھەمدە ياپونىيىنىڭ 1933 - 1934 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2013-10-20
1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف بۇ يىل 91 ياشقا كىردى. خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ھازىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ياشىماقتا.
2013-10-20
پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابىدىكى «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان 2 - پاراگرافىدا دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرى ماكانلاشقان زېمىنلارنىڭ ئۇلۇغ يىپەك يولىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدىكى رولى، دىنىي ئېتىقادلىرى، ئېغىز ئىجادىيىتى، كالېندارلىق ئەنئەنىلىرىدىن تاشقىرى يەنە كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مىللىي تېبابىتى ۋە يازما ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ باي مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن.
2013-10-13
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ 13 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا دىققىتىڭلارغا تۆۋەندىكى پروگراممىلار تەقدىم قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىدىن ئارىيىلەر ياپونىيە ئالىمىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ۋە بازارلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى قازاقىستان كىنو خادىملىرىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ قازاقلار ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى.
2013-10-13
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدىكى مۇھىم دەۋىرلەرنىڭ بىرى - ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى، يەنى بۇددىزم دەۋرىدىكى تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئېغىز ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى، پەلسەپىۋى كۆزقاراشلىرىنى چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
2013-10-13
ياپونىيە ئاكاشى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمىغا ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى شىنمېن ياسۇشىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بازارلار ۋە مازارلار» ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مازارغا تاۋاپ قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بازارلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.
2013-10-06
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا تۈركىيىدىكى ئاتاقلىق تىبابەت ئالىمى، پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ۋە رۇسىيىنىڭ داڭلىق تۈركشۇناسى سېرگېي كلىياشتورنىنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئائىت پروگراممىلار ئاڭلىتىلىدۇ.
2013-10-06
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار تارىخى كۆپلىگەن ئاتاغلىق ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولغانلىقى ھەمدە بۇ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەمگەكلەرنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مەلۇمدۇر. ئىنگلىز، نېمىس، فرانسۇز، رۇس ۋە باشقىمۇ تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخ ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.