ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-06-30
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك تارىخچى ۋە يازغۇچى مەرھۇم مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئاخىرقى ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولىدۇ.
2013-06-23
«تارىخ ۋە بۈگۈن» نىڭ 23 - ئىيۇندىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا بولىدىغان پروگراممىلار تۆۋەندىكىچە: سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تارىخچى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 87 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپى ھەققىدىكى ئەسلىملىرى. تۈركىيىنىڭ گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نۇرەخمەت قۇرباننىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىش تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە باشقىلار.
2013-06-18
« تارىخ ۋە بۈگۈن» نىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان مەخسۇس جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە بايانلار بولىدۇ.
2013-06-09
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ 9 - ئىيۇندىكى قىسىمىدا تۆۋەندىكى پروگراممىلار بولىدۇ: گەنسۇدىكى سېرق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات. چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈركىيىدە زور قىزىقىش قوزغاۋاتقانلىقى ھەم ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ھەققىدىكى سۆھبەت.
2013-06-09
بۈگۈنكى كۈندە نوپۇسى ئاران 13 مىڭدىن ئاشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىي ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار موڭغۇل تىلىنىڭ 13 - ئەسىردىكى ئەڭ قەدىمىي دىئالېكتى ھېسابلانغان ئېڭگار تىلىنى ساقلاپ كەلگەن.
2013-06-09
مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە سىياھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشىنىڭ بولۇپمۇ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەۋج ئالغانلىقى ياخشى مەلۇم. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى ۋە ۋەزىپىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەتقىقاتچىلارنى قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە.
2013-06-05
تەيۋەنلىك گۈزەل - سەنئەت تارىخ تەتقىقاتچىسى جۇ ئەپەندىنىڭ خىتاي تىلىدا يازغان«خىتاينىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى كىتابى ياپونىيىدە ياپون تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جۇ ئەپەندىم مەزكۇر كىتابىدىكى «خىتايدىكى خۇلار» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي تارىخىدىكى «خۇ» دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى،خۇلارنىڭ ئۆز زامانىسىدا خىتاينىڭ تاڭ دەۋرى مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە خۇلارنىڭ ياراتقان گۈزەل - سەنئەتلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە خىتاي مەدەنىيىتنىڭ تەركىبىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.