ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-01-26
ياپونىيىلىك مۇسۇلمان ئايال سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە يازغان ماينىچى شىمبۇن گېزىتى نەشىرىياتىدىن 1959-يىلى تۇنجى نەشىرى ۋە 1961-يىلى نىھون شۇبوشا نەشىرىياتى تەرپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان «يېقىلغان خانىش» يەنە بىر ئاتىلىشى «پەرەنجىلىك ئايال» ناملىق تارىخي ئەسلىمە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ئەسلىمە كىتاب بولۇپ، ئەسەر جەمئىي 235 بەت ۋە 13 بابتىن تەركىپ تاپقان.
2014-01-19
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 19-يانۋاردىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا بولىدىغان پروگراممىلار 19-ئەسىردىكى رۇسىيە-چىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى، پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ كىتابى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش ۋە تۈركىيە تارىخچىسىنىڭ قەشقەر تارىخىي ھەققىدىكى كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى ۋە باشقىلار.
2014-01-19
قازاقىستاندا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئاسىيا بۈگۈنى» گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابىنى پارچىلار بويىچە تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
2014-01-12
پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ «ئالەم مەنزىرىسىنىڭ ئېستېتىكىلىق قوبۇل قىلىنىشى» ناملىق پاراگرافىنى تونۇشتۇرۇش.
2014-01-05
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 5-يانۋار كۈنىدىكى قىسمىدا 19-ئەسىر رۇسىيە-چىڭ سۇلالىسى مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە ئائىت سۆھبەت ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.