ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-10-11
خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ، ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى.
2015-10-04
بوسنىيە- ھېرزېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋادا 10-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق بۈيۈك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى» ئۆتكۈزۈلدى.
2015-09-20
«دەدە قورقۇت »كىتابىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ 200-يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە خىلمۇ خىل مەدەنىي پائالىيەتلەر ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
2015-09-13
مەلۇمكى، دۇنيا سەنئىتى ئۆز تارىخىدا بىر نەچچىلىگەن دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. سەنئەت ئەنە شۇ دەۋرلەر شارائىتىغا ماسلىشىپ، بىردە ئېگىز پەللىلەرگە يېتىپ، بىردە چۈشكۈنلۈكلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن بېيىدى.
2015-09-06
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەخسۇس دەرس پروگراممىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بۇ ساھە بويىچە نۇرغۇن ئاسپىرانت ۋە دوكتورانتلار تەربىيىلىنىپ چىققان ئىدى. بۇ كىشىلەر ھازىر ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
2015-08-17
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيەلىرىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى.
2015-08-17
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەيۋەنلىك تەتقىقاتچى ۋۇ چىنانىڭ «شىنجاڭ: مىللى كىملىك: خەلقارالىق رىقابەت ۋە خىتاي ئىنقىلابى: 1944 - 1962 - يىللار» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئىلمىي ئەسەردۇر. بۇ كىتاب مول ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، گەرچە خىتاي تارىخ نوقتىنەزىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۆنۈشىنى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.
2015-08-02
تۇنجى قېتىملىقى 2009 - يىلى قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 8 - ئاينىڭ 1 - 2 - كۈنلىرى ئەنقەرە بىلكەنت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايغا 12 دۆلەتتىن 100 ئەتراپىدا تاتار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا ۋەكىل قاتناشتى. رۇسلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا، توسۇشىغا قارىماي قىرىمدىنمۇ 150 ئەتراپىدا تاتار قۇرۇلتايغا كەلدى.
2015-07-26
مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژۇرنىلى»نىڭ 7 - ئايلىق سانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.
2015-06-28
«ئوغۇزنامە» داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتıنıڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئومۇمىي تۈرك ئەدەبىياتىنىڭمۇ يىرىك ۋە قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا بۇ داستان ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار خېلى بۇرۇنلا باشلىغان.
2015-06-21
ئەنگلىيىلىك تۈركولوگ ۋە ئېكىسپەدىتسىيەچى روبېرت بارككلېي شاۋنىڭ «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2015-06-21
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىل ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا دەل 50 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە.
2015-06-21
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىشىغا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرى جەمشىت روزاخۇنوفتۇر.
2015-06-07
ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنىڭ تۈركچە نەشىرىدىن باشقا يەنە رۇسچە ۋە تاتارچە تەرجىمىلىرىمۇ نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان.
2015-05-25
قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. رېشات گەنچكە ئاتاپ «قەشقىرىنىڭ تارىخچى نەۋرىسى رەشات گەنچ ماقالىلار توپلىمى»ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىندى. تۈركىيە تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مەمەت شاھىنگۆز قىلغان كىتابغا ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار مەزگىلىگە ئائىت 20 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.