«تارىخ ۋە بۈگۈن» (5-فېۋرال)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىدا تاشكەنت ۋە ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىش تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.02.05

ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئو-خەۋەرچىلىكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى رادىئو ئاڭلىتىش ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1947-يىلى تاشكەنتتە باشلانغان.

ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ رادىئو ئاڭلىتىش كومىتېتى قارمىقىدىكى چەت ‘ئەللەرگە رادىئو پروگراممىلىرى ئاڭلىتىش ئورگىنى 1947-يىلى تاشكەنتتە تەسىس قىلىنغان.

ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى خېلەم خۇدابەردى تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىشنى ئەڭ دەسلەپتە ئېلىپ بارغان كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئۇ 1945-يىلى، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستان تاشقى رادىئو ئاڭلىتىش ساھەسىگە خىزمەتكە كىرگەن ھەمدە 1947-يىلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوف تەرىپىدىن باشقا 12 كىشى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن. خېلەم خۇدابەردىيېف غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلغان. ئۇ، 1949-يىلى تاشكەنتكە قايتقان. بۇ رادىئودا ئەينى ۋاقىتتا ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئوسمان مەمەتاخۇنوف ۋە باشقىلار ئىشلىگەن ئىدى.

تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا، ئۆزبېكىستاندا 1943-يىلىدىن تاكى 1950-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم ئىدىيىسى ئاساسلارنى تەييارلىدى. تاشكەنت رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يولغا قويۇلغان ۋاقىتلار دەل ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەر بولۇپ، موسكۋا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي-ئىدىيىۋى ئىشلارغا ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوفنى مەسئۇل قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بىر مەزگىل توختاپ قالغاندىن كېيىن، 1960-يىللاردا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خېلەم خۇدابەردى ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يەنى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن يەتتە سەككىز يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىش قازاقىستان پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىمۇ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئالمۇتادىكى بۇ ئاڭلىتىش رەھبەرلىك ئىشلىرىغا رىزا سەمەدى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ئىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر رادىئو-خەۋەرچىلىكى تارىخى ھەققىدە ئويغاننىڭ رىزا سەمەدى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.