تارىخ ۋە بۈگۈن (25 - مارت)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر. بۇنىڭدا سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئەسلىملىرىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.03.25

87 ياشلىق مەسۈمجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبىتىدە 1944 - يىلى، 12 - نويابىردىن 1945 - يىلى، 30 - يانۋارغىچە داۋاملاشقان ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭنى قورشاش ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى بايان قىلدى. بۇ سۆببەتنى ئويغان تەييارلىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تەبىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەرەققىياتى تارىخى ئۇزۇن دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك تەھلىل ۋە كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەركىن تارىم بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.