«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.04.14

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 14 - ئاپرىلدىكى قىسمىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي - سىياسىي جاسۇسى نائۇم ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ياپونىيىدىكى قەدىمىي مىللەت ئاينۇلار ھەققىدە ئۇچۇرلار، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن «تۈركىستان ئەدەبىياتى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەم تۈرك تىلشۇناسى سائادەت چاغاتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى تارىخى تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا مەزمۇنلار.

ستالىننىڭ جازا قىلىچى - نائۇم ئەيتىنگون

ئۇمىدۋار

20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئىنسانىيەت تارىخى ئىنتايىن ۋە مۇرەككەپ سىياسىي - ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى بىلەن تولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئىككى ئىدېئولوگىيىلىك سىياسىي لاگېرغا بۆلۈنۈشى ھەم ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. مانا مۇشۇ مۇرەككەپ توقۇنۇشلاردىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەنە شۇ ئىدېئولوگىيىلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر كۈرەشلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

مانا بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئىشقا سالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېنېرال ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى ئۆزگىچىدۇر.

20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلغان ئۇلۇغ بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلىتى ئافغانىستان، غەربىي ۋە شىمالى تەرەپلىرىدە غەرب كاپىتالىزم سىستېمىسىغا قارشى سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى ھامىيلىقىدىكى تاشقى موڭغۇلىيە، شەرقىي قىسمىدىكى ئىچكى خىتاينىڭ گەنسۇ - چىڭخەي رايونلىرىدا تۇڭگان مىلىتارىست كۈچلىرى بولۇشتەك جۇغراپىيىۋى سىياسىي مۇھىت مەۋجۇت ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ھەربىي - سىياسىي تەسىرىنى ساقلاش ھەم ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ھەربىي رازۋېتكا،يەنى ھەربىي جاسۇسلۇق كۈچىدىن ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسى ۋە قىزىل ئارمىيە رازۋېتكا ئورگىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلدى. سوۋېت جاسۇسلىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن داڭلىق جاسۇسلار يېتىشىپ چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى ئوردېنلار ۋە قەھرىمانلىق ناملىرى بىلەن تەقدىرلەندى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق سوۋېت ھەربىي رازۋېتچىكى، يەنى «ستالىننىڭ جازا قىلىچى» دەپ نام ئالغان نائۇم ئەيتىنگوندۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ گېنېرال مايورى نائۇم ئەيتىنگون سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، مېكسىكا، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان رازۋېتكا پائالىيەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەنمۇ بىۋاسىتە چېتىشلىق شەخستۇر.

يېقىندا موسكۋادا «سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ ئاخىرقى رىتسارى» ماۋزۇلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدە «ستالىننىڭ جازا قىلىچى» نائۇم ئەيتىنگوننىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى ھۆججەتلەر ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا بايان قىلىنغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە دەھشەتلىك سىياسىي ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلغان ئەيتىنگوننىڭ ستالىن ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى سابىق سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ستالىننىڭ كونا رەقىبى لېۋ تروتسكىينى مېكسىكىدا پالتا بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈش، مانجۇرىيىگە خوجا بولۇۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، ياپونلار بىلەن ھەمكارلاشقان مىلىتارىست جاڭ زولىننى پويىزدا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش پلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ ئاخىرقى رىتسارى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئەيتىنگوننىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ پولەك، لىتۋا ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

سوۋېت كگب گېنېرال لېيتىنانتى پاۋېل سۇداپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە نائۇم ئەيتىنگوننىڭ 1946 - يىلى ستالىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي كومممۇنىستلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى باستۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان.

دېمەك، ستالىننىڭ مەزكۇر داڭلىق جاسۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغىمۇ قول تىقىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن شەخستۇر.

پروفېسسور سائادەت چاغاتاينىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىخى» ماۋزۇلۇق ئەسىرى

پروفېسسور سائادەت چاغاتاي تۈركىيىنىڭ تونۇلغان تۈركشۇناس. يېقىندا در. سائادەت چاغاتاي خانىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدە ئۇنىڭ ن ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تارىخى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن.

مەرھۇمنىڭ ماقالىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختالغان. ئىككىنچى قىسمىدا بولسا، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات تارىخى ۋە باشقا مەسىلىلەر ئورۇن ئالغان.

بۇ ماقالە ئاياز - تاھىر تۈركىستان ئىدىل - ئۇرال ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «پروفېسسور دوكتور سائادەت چاغاتاينىڭ ئېلان قىلىنغان پۈتۈن ماقالىلىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن 39 پارچە ماقالىنىڭ بىرىدۇر.

سائادەت چاغاتاينىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇر ئالىملىرىغىمۇ ياخشى تونۇشتۇر.

تەپسىلاتنى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستان ئەدەبىياتى قانداق تارىخىي شارائىتتا شەكىللەندى؟

قۇتلان ماقالىسى

مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستان ئەدەبىياتى ئەڭ دەسلەپ سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرىشىدىن قېچىپ چىقىپ، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە كەلگەن ئىدىل ۋە ئۇرال تاتارلىرى ھەمدە تۈركىستانلىق سەرخىللار تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. 1920 - يىللاردا سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن تۈركىستان مۇجاھىدلىرى «باسمىچىلار» قالپىقى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى سىياسىي ئەربابلار ۋە زىيالىلار ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئوقۇمۇشلۇق زىيالىلار ياۋروپادا 1929 - يىلىدىن باشلاپ «ياش تۈركىستان» زھۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، سوۋېت كوممۇنىزمىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە ئاشۇ كۈرەش قاينىمىدا مۇھاجىرەتتىكى «تۈركىستان ئەدەبىياتى» دۇنياغا كېلىدۇ. سوۋېت بولشېۋىكلىرى ئورتا ئاسىيادا كلاسسىك تۈركىي يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئورنىغا «سوۋېت سوتسىيالىستىك مىللەتلەر ئەدەبىياتى» بەرپا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، چەتئەللەردە «تۈركىستان» غايىسى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان سەرخىللار مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستان ئەدەبىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئەركىن دۇنيادىكى مەتبۇئات ئەۋزەللىكىدىن پايدىللىنىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى سۈنئىي رەۋىشتە سەھنىگە چىقارغان شۇنداقلا كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان «سوۋېت مىللەتلىرىنىڭ قىزىل ئەدەبىياتى» نى قامچىلايدۇ. جەدىدچىلەر تەشەببۇس قىلغان ئورتاق تۈركىي تىلى بىلەن يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ، تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ۋە ھۈررىيىتىنى مەدھىيەلەيدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە يازارلىرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان تۈركىستان ئەدەبىياتى 1930 - يىللاردىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، بىر تۈركۈم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشى بىلەن شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يارقىن ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى كۆرسىتىش مۇمكىن. 1934 - يىلى يازدا خوتەن ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھىندىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا بېرىپ، بىر مەزگىل كابۇلدا تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، شۇ جۈملىدىن بىر تۈركۈم يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ تۈركىستان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالىدۇ.

شۇ يىللاردا يەنە ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەلەم ئىگىلىرىنىڭ شېئىرلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاساسىي قىسمى ۋەتەن تېمىسىغا بېغىشلانغان بۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمى دەسلەپ پارىزھدا نەشىر قىلىنىپ كېيىنچە بېرلىنغا يۆتكەلگەن «ياش تۈركىستان» زھۇرنىلىدا يورۇق كۆرىدۇ. 1950 - يىللارغا كەلگەندە شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن قاھىرەدە «ئازاد تۈركىستان» مەجمۇئەسى نەشىر قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەجمۇئە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇنبىرىگە ئايلىنىدۇ. مەزكۇر مەجمۇئەدە 1930 - يىللاردىكى تۇرپان قوزغىلىنىڭىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن ئەدىب ئابدۇللابەگ داموللا نەئىمىنىڭ «ئىشلىگەنلەر خار بولدى»، 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان ھاجىمنىڭ قىزى تەرىپىدىن راۋالپىندىدا يېزىلغان «ۋەتەن يادىدا»، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ شاھىتلىرىدىن ئەھمەد توختى ھاجىم خوتەنى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئازاد تۈركىستان»، «ۋەتەن ئەھۋالى»، فەتھىدىن مەخدۇمنىڭ «شېھىتلار قەبرى»، ھاجى ئابدۇللاخان مەخدۇم كاشىغەرىنىڭ «قۇتۇل تۈركىستان»، مۇخپۇل چولپانىنىڭ «تۇرپان ناخشىسى» قاتارلىق مەشھۇر شېئىرلىرى بېسىلىپ چىققان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن قۇربانجان مۇداش ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان تۈركىستان ئەدەبىياتى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئاساسلىقى ۋەتەن تېمىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتورلارنىڭ مۇنقەرز بولغان ئانا تۇپراق ۋە ئۇنىڭ ھۈررىيىتىگە بولغان كۈچلۈك تەشنالىقى ئەكس - ئەتتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى پاش قىلىنىپ، ئىككىگە بۆلۈۋېتىلگەن تۈركىستان جۇغراپىيىسى ۋە بۇ تۇپراقتىكى خەلقلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ياپونىيىدىكى قەدىمى خەلق - ئاينۇلار

ئاينۇلار ياپونىيىدىكى ئەڭ قەدىمى يەرلىك مىللەت. ئاينۇلارنىڭ شىمالىي ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئانداقتا ئاينۇلار كىملەر؟ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى كوپ تەتقىقات يۈرگۈزدى.

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز قۇتلۇق قادىرى مەلۇمات بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.