«تارىخ ۋە بۈگۈن» (10 - ئىيۇن)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 10 - ئىيۇندىكى قىسمىدا سىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە ئائىت مەلۇمات ۋە ئانالىز، تارىخىي شاھىد يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروفنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئائىت پروگراممىلارنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.06.10
abduxaliq-uyghur-kitab-305.jpg ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Oyghan


شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان قەدەممۇ - قەدەم كېڭىيىپ ۋە تەرەققى قىلىپ، ئۆز كۈچىنى ئاشۇرماقتا، ئۇ ئەسلىدىن بەش دۆلەت ئەزا بولغان كىچىك تەشكىلاتتىن بۈگۈنكى كۈنلەردە ئالتە دۆلەت ئەزا بولغان ھەمدە پاكىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران،موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلاندى. تۈركىيە بولسا بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا قىزىقىپ ھەمكارلىقلارنى باشلىدى. نۆۋەتتە، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس كۆزلىگەن مەقسەت ۋە نىشانلىرى بار بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەشكىلاتتا باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتمۈشى، تەرەققىياتى ۋە بۇگۈنكى ھەققىدە ئەركىن تارىم دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتىلى تەۋپىق 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا ئۇيغۇر مەرىپەتپەرۋەرلىكى ۋە مىللەتپۋەرلىكىگە زور ھەسسە قوشقان شۇنىڭدەك ئوخشاشلا مىلىتارستلارنىڭ قولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى داڭلىق نامايەندە. بۇ ئىككىيلەننىڭ نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرى مەۋجۇت.

تۈكىيىدىكى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا مەزكۇر ئىككى نامايەندىنىڭ ئوينىغان رولى ۋە كۆز قاراشلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرى ۋە تەھلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە ئارسلان مەلۇمات تەييارلىدى.

30 - يىللار تېمىسى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ۋە پاجىئەلىك مەزمۇنلار بىلەن تولغان. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىدا سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجىم، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شۇنىڭدەك شېڭ شىسەي، ما جوڭيىڭ قاتارلىقلار ناھايىتى مۇھىم ئىز قالدۇردى. ما جوڭيىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى يوقاتقان بولسا، شېڭ شىسيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى ۋە ياردىمى بىلەن خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ،ئاخىرىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلدى ھەمدە ستالىندىنمۇ يۈز ئۆرىدى. شېڭ شىسەي قانداق ئادەم؟ بۇ سوئالغا تارىخىي شاھىد يازغۇچى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 88 ياشلىق مەلۇمجان زۇلپىقاروف ئەتراپلىق جاۋاب بەردى، مەلۇمجان زۇلىپىقاروف بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئويغان تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.