تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.08.17
turkiye-adalet-jumhuriyet-partiye.jpg تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە ۋەكىللىرى
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيەلىرىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى.

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگە ئومۇمىي سايلامدا ھېچقانداق بىر پارتىيەدىن 275 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئا ق پ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا بەرگەن ئىدى. قانۇنغا ئاساسەن 45 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت قۇرۇلالمىسا قايتا سايلام ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئىككى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۇچرىشىشلاردىن نەتىجە چىقمىدى. 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىسىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق قۇرىدىغان ئورتاق پىكىرنىڭ يوقلىقىنى، يەنى ئاساسى مەسىلىلەردە كېلەشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، تاشقى سىياسەت بىلەن مائارىپ سىياسىتىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كېلىشەلمىگەنلىكىنى، قايتىدىن سايلام ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى ۋە مائارىپ سىياسىتىدىكى ئوخشىماسلىقلىرى نېمە ئىدى؟ قايتا سايلام بولسا كىم ئۇتۇپ چىقار؟ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان بولسا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار ئىدى؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇۋەپپەق بولالماسلىقىدىكى سەۋەبلىرى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، گەرچە پارتىيە ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ پارتىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، قايتا سايلام بولغان تەقدىردە يەنە بىر پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالىغىدەك راي ئالالماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.