ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇھىم تېما

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.23
uyghur-yeza-namrat-mektep-2.jpg ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامرات مەكتەپ.
weibo.com

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان دەۋرلەردىكى مائارىپ تارىخى مۇساپىلىرى تېخى سىستېمىلىق رەۋىشتە تەتقىق قىلىنمىغان بىر تېما، گەرچە بۇ ساھە بويىچە بىر قىسىم ئايرىم ئەسەرلەر، ماقالىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سىستېمىلىق ۋە ئىلمىي رەۋىشتە تولۇق يورۇتۇلمىدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىرلەر، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى مائارىپ چۈشەنچىسى، مەكتەپ چۈشەنچىسى، ئىلىم چۈشەنچىسى شۇنىڭدەك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تەربىيىلەش چۈشەنچىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىندى. ئىبراھىم مۇتىئىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ ۋە باشقا ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپى، جۈملىدىن مەدرىسىلەر ھەققىدە ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىگە خاس كۆز قاراشلىرىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقاتچىلارنى بۇ ساھەگە جەلپ قىلغان ئىدى.

بولۇپمۇ، 1980-يىللاردا نەشر قىلىنغان مائارىپچى ۋە يازغۇچى ئابدۇللا تالىپنىڭ «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ۋە بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇشى سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىي مائارىپ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە ۋە ئومۇمى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشىدا رول ئوينىدى. بولۇپمۇ، ئابدۇللا تالىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يېڭى مائارىپ ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى، جۈملىدىن مائارىپ تارىخىنى بىر قانچە باسقۇچقا ئايرىپ، ھەر بىر باسقۇچتىكى مائارىپ، يەنى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى، مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇلغان دەرسلەر ھەم باشقىلار ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللىرى ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» ۋە باشقا مەنبەلەرگە تايانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مائارىپ تەرەققىيات جەريانىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن زامانىۋى ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن زىيالىيلار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرى ئىستانبۇلدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان دوكتور مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، تۇرسۇن ئەپەندى ۋە باشقىلار ئىدى. 1920-1930-يىللاردا بولسا، يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت، موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ۋە ئاز بىر قىسمى ئىستانبۇلدا ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى دەۋرى باشلانغان ئىدى.

1980-2000-يىللاردا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىگە دىققەت بەرگەن بولۇپ، بۇ ساھەدە بويىچە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ نۇقتىلار ئاساسەن رايونلار بويىچە يورۇتۇلغان بولۇپ، مەسىلەن ئاتۇش ئىكساكتىكى ھۈسەينىيە مەكتىپى ۋە يېڭى مائارىپنىڭ ئاتۇشتىن باشقا جايلارغا كېڭىيىشى، 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق باشلامچىلىقىدا ئاتۇش يېزىلىرىدا روناق تاپقان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى، ئىلى ئىديارىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى، شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مائارىپ، ئاقارتىش پائالىيەتلىرى، 1944-1949-يىللاردىكى ئىلى، چۆچەك، ئالتاينى بازا قىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدىكى مائارىپ قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتى. پېشقەدەم ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىدىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1980-يىللاردىكى مۇدىرى، مەرھۇم ھاكىم جاپپار ئەپەندى مەخسۇس 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدىكى مائارىپ ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ مەخسۇس تۈردە مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ماقالىلەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، شەرقىي تۈركىسان جۇمھۇرىيىتى، يەنى «ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى» ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىلىدىكى مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. غۇلجىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئالىي تېخنىكوم خاراكتېرىدىكى «ئىلى بىلىم يۇرتى» قۇرۇلۇپ، بىر قانچە كەسىپلەر بويىچە مۇتەخخەسىسلەر تەربىيەلەنگەن، غۇلجىدا يەنە ھەربىي مەكتەپ، تېببىي مەكتەپ، ھۈنەر مەكتەپلىرى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلى 1910-1940-يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تىلى بولۇپ كەلگەن بولۇپ ھەمدە تاكى 2000-يىللارنىڭ بېشىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئالىي مائارىپ تىلىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە، ياپونىيە ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ ئۇيغۇرلاردىكى جەدىتىزم، يېڭى مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتى، ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى ئەسىرلەر مەدەنىيىتى ھەم مائارىپى مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى تەييارلىغان. ئۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى، ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى زاماندىكى مائارىپ تارىخى بويىچە ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەيىدىيەلەر دەۋرىدىكى مائارىپ مەسىلىسىگە ئائىت قاراشلىرىمۇ ئۆزگىچىلىكە ئىگىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.