داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم توغرىسىدا ئەسلىمىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.08.10
Uyghurshunas-Annemariye-fon-Gabain.jpg مەشھۇر گېرمان تۈركولوگى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ئاننېمارىيە فون گابائىن خانىم بىلەن بىللە. 1986-يىلى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىدا، گېرمانىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گابائىن ئاننېمارىيە ۋون گابائىن خانىم يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.
كۆپلىگەن رۇس، گېرمان، تۈرك ۋە ئۇيغۇر ئۇيغۇرشۇناسلىرى گابائىن خانىمنى ئەسلىمەكتە.

تۈركىيەدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات تارىخىمۇ مۇھىم بىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى تونۇلغان تۈركولوگلار ھاياتىدىكى مۇھىم ئەسلىمىلىرىنى ئېلان قىلماقتا. يېقىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندىنىڭ، ئۆمرىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئاتىغان تونۇلغان تۈركولوگ ئاننېمارىيە ۋون گابائىن توغرىسىدا بىر ئەسلىمىسى ئېلان قىلىندى. ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇ «فېيسېبوك» تا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «1973-يىلى ئىستانبۇلدا 1-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىن جەريانىدا ئاننېمارىيە ۋون گابائىن خانىم بىلەن ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گابائىن خانىم گېرمانىيەگە قايتىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ماڭا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى.»

ئۇ، ئەسلىمىسىدە گابائىننىڭ ئۆزىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ ئەسلىمە توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى ئۇ، ئەۋەتكەن خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ، ئوسمان ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنى رەشىت رەخمەتى ئارات تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ، 1964-يىلى 11-ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ شاگىرتى ئالى قارامانلىئوغلۇ تونۇتۇشنى داۋام قىلىۋاتاتتى. ئەمما، ئۇمۇ 1973-يىلى 1-ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمدى سىز ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. مەن سىزگە سەمىھ تېزجان تەييارلىغان ‹بېرلىن تۇرپان تېكىستلىرى 3› ناملىق كىتابنى ئەۋەتىمەن. بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالە يېزىڭ، دەپ يېزىپتۇ. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن بىر بۇيرۇق ئىدى. مەن بۇنىڭغا ئاساسەن 1980-يىلى ‹تۇرپان تېكىستلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار› تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تۈركىيات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدىم. بۇ ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناس سەمىھ تېزجان ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور گەرھارد دوئەرفېر ئەپەندىدىن خەت كەلدى. ئۇ، خېتىدە ماقالەمگە بولغان پىكىرلىرىنى بايان قىلىپتۇ».

تونۇلغان تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى گابائىن خانىم بىلەن ئىككىنچى قېتىم بېرلىندا ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 1986 -يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى توغرىسىدىكى تېكىستلەرنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى گىئەسسېنگە بارغان ئىدىم. گابائىن خانىم تۈركولوگ كلائۇس رۆھربورنغا ‹ئوسماننى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەل› دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ. بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولدۇق. گابائىن خانىمنىڭ يېزىسىدىكى ھەممە ئادەم ئۇنى ‹فرائۇ پروفېسسور›، يەنى ‹پروفېسسور خانىم› دەپ چاقىرىدىكەن».

ئاننېمارىيە ۋون گابائىن 1901-يىلى گېرمانىيەدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايانىڭ ئېيتىشىچە ئۇ، ئۇيغۇرشۇناسلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىكەن. ئۇ، ۋاپات بولۇش ئالدىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرشۇناسلارغا بۆلۈپ بەرگەن.

ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ماڭا ‹قوچو ئۇيغۇر دۆلىتىدىكى ھايات› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن 50 پارچە رەسىمنى، ئاسترونومىيە توغرىسىدا يېزىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە بەزى تېكىستلەرنى بەردى. گابائىن خانىمنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ‹قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەر› نامى بىلەن كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم. ئۇ ماڭا شۇنى دېگەن ئىدى. ئۇيغۇرچە تەتقىق قىلىش باشقا تۈركولوگلارنىڭ كەسپى، ئەمما سېنىڭ مىللىي ۋەزىپەڭ، چۈنكى سەن تۈرك ۋە مەرھۇم رەشىت رەھمەتى ئاراتنىڭ ئىز باسارىسەن.»

گابائىن خانىمنىڭ پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاقالىن ۋە پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تىمۇر تەرىپىدىن «قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرى تەرجىمە قىلىنىپ، 1987-يىلى تۈرك تىل تەتقىقاتى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى.

گابائىن خانىم 1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، تۈركولوگلارغا دوكلات بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن 10 پارچە خەت يېزىشقان تۈركولوگ دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، گابائىن خانىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئاتىغان بىر تۈركولوگ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى گابائىن خانىمنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي تۇرپاندىكى يارغۇل ۋە مىڭ ئۆيلەرنى ئايلانغانلىقىنى ھەم قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاننېمارىيە ۋون گابائىن خانىم 1901-يىلى گېرمانىيەنىڭ مۆرچىنگەن دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تونۇلغان تۈركولوگ ۋىلھېلم باڭدىن دەرس ئالغان. گابائىن 1934-يىلى باڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن 1935-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن گېرمانىيەگە قايتىپ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. گابائىن خانىم 1993-يىلى ۋاپات بولغۇچە بىر ئۆمۈر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.