«يىپەك يولى ئۆتۈڭىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەر» ناملىق ئەسەر تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.04.12


يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. يېقىندا تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى تونۇلغان تۈركولوگ پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتايدىكى تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يىپەك يولى ئۆتۈڭىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەر» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.

تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئۇنىۋەرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان كىتاب 656 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابقا 568 رەڭلىك رەسىم كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتاب، ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىشبىرلىكى توختامنامىسى ئاساسىدا 5 يىللىق ئورتاق تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەسەرگە خىتايدا 5 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا تېپىلغان مەلۇمات، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللار كىرگۈزۈلگەن.

تونۇلغان تۈركولوگ پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەسەرگە، ھازىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى دۆلىتىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە قالغان تۈركىي مىللەتلەر ۋە قوۋملار ياراتقان قىيا تېشى ئۈستىگە يېزىلغان تەسۋىرىي رەسىملەر، تاشلاردىكى تامغىلار، قورغانلار، مازارلار، قەبرىلەر، ھەيكەللەر، قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرى، بىناكارلىقتا ئىشلىتىلگەن بېزەكلەر، تاشلارنىڭ ئۈستىگە كۆكتۈرك ئېلىپپەسى بىلەن يېزىلغان خەتلەرنىڭ رەسىملىرى كىرگۈزۈلگەن.

پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە «يىپەك يولى ئۆتۈڭىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەر» ناملىق بۇ ئەسەر، خىتايدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا تەييارلانغان ئەڭ ئەتراپلىق، تەپسىلى ۋە چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، ئەسەردە 568 رەڭلىك رەسىم مەۋجۇت.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تونۇلغان تۈركولوگ پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، مىڭلارچە يىل بۇرۇنقى بۇنداق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېرىدە كۆرۈپ، توپلاپ نەشىر قىلدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بىز بىۋاستە مەنبەلەرگە ئۇلىشىپ، ئەسەرلەر مەۋجۇت جايدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتۇق. مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ئېغىر يۈك يوق بولدى. تۈرك قەۋىملىرى مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ، ئۇنى تەتقىق قىلماسلىق، كىتاب يېزىپ نەشىر قىلماسلىق ئەڭ بۈيۈك سەۋەنلىك. 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىم نەتىجىسىدە بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم. تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشالىغان بولسام ئۆزەمنى بەكلا بەخىتلىك ھىس قىلىمەن.

تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تونۇلغان تۈركولوگ پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە خىتايدا تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش توختامنامىسىنى يەنە 5 يىل ئۇزاتقانلىقىنى، خىتايدىكى تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىقىمىزنى يەنە 5 يىل ئۇزاتتۇق، يەنە 5 يىل بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بارىمىز. خىتاي تەرىپىنىڭ تەلىپى بويىچە خىتايدىن ھەيەت كەلدى، توختامنامىمىزنى يەنە 5 يىل ئۇزاتتۇق. خىتايدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىش پىلانى ئىشخانىمىزمۇ بار خىتايدا، تەتقىقاتىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ.

1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە تۈكولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بۇرۇن تۈركىيەدە ئازساندا تۈركولوگلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئارخېئولوگىيەسى، سەنئەت تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە بۇلارنىڭ سانى كۆپەيدى. ھەتتا تۈركىيە دۆلىتى تاشقى موڭغولىيەدىكى مەڭگۇ تاشلار بار يەرلەرگە چوڭ يول ياساتتى، مۇزېي ئاچتى. تۈركىيە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق توختامنامىسى تۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمقى تارىخىي ئەسەرلەر توغرىسىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاسارە - ئەتىقەلەر قەدىمقى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.