«ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىپەك يولى: كۈتكەنلىرىمىز ۋە ھەقىقەتلەر» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.20
yipek-yoli-turkiye.jpg «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىپەك يولى: كۈتكەنلىرىمىز ۋە ھەقىقەتلەر» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ تۈگۈنى، تارىخى يىپەك يولىنىڭ ئۆتىڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىپەك يولىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يىپەك يولىنى قايتا راۋاجلاندۇرۇش- «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىش پىلانى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇرماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ئەمەل كەفەلى خانىم، دوكتور نەسرىن سارىئاخمەتئوغلۇ كاراگۈر ۋە دوكتور ئۆزلەم دەنىز يىلماز خانىملارنىڭ نەشرگە تەييارلىشىدا «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىپەك يولى: كۈتكەنلىرىمىز ۋە ھەقىقەتلەر» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. كىتابقا 19 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ماقالىلەردە يىپەك يولىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە تىجارەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتى، يىپەك يولى بويىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە ئەدەبىياتى بايان قىلىنغان.

ماقالىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار: رامازان شەشەن يازغان «يىپەك يولىدا بۇخارا، سەمەرقەنت ۋە قەشقەردىن ئۆتكەن يىپەك يولىنىڭ ئەھمىيىتى»، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ يازغان «سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە يىپەك يولى»، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئولجاباي قاراتايىف يازغان «سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ قىرغىزلار بىلەن بولغان ئېتنىك مۇناسىۋىتى»، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ۋارىس چاقان يازغان «تارىختا قەشقەرنىڭ يىپەك يولىدىكى رولى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر تارىخچى ۋارىس چاقان ئەپەندى ماقالىسىدە دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم يېرى بولغان يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت، دىن، كۈلتۈر ۋە سەنئەت ساھەسىدە كۆرۈكلۈك رولى ئوينىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قەدىمكى پايتەختى چاڭئەندىن باشلاپ ئاقدېڭىز بويىغىچە داۋاملاشقان چەكسىز كەتكەن كارۋان يولىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 16-ئەسىرگىچە ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەم مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقىنى، يىپەك يولى نامىنى نېمىس جۇغراپىيەشۇناسى فېردىناند ۋون رىچتھوفەننىڭ ئاتىغانلىقلىقىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى كۈلتۈر ۋە تىجارىي مۇناسىۋەت ھەققىدە توختالغاندا «يىپەك يولى» ئاتالغۇسى بىلەن بايان قىلىنغانلىقىنى يازغان. دوكتور ۋارىس چاقان ئەپەندى ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان بىردىن بىر دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارى يىپەك يولى ئۈچۈن تارىختا قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇنداقتا يىپەك يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ تارىخى يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق رولى بار؟ يېڭى يىپەك يولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رولى قانداق بولار؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تارىخىي يىپەك يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 16-ئەسىردە يىپەك يولىنىڭ چۆكۈشىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ئوينىغاندەك رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇقىمسىزلىق يېڭى يىپەك يولىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ چوڭ دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىنىڭ رايون ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە يىپەك يولى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كۆپەيمەكتە. ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىپەك يولى: كۈتكەنلىرىمىز ۋە ھەقىقەتلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان يىپەك يولى توغرىسىدىكى تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.