مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 75% نى تەشكىل قىلاتتى.
1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە 86 يىل، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 75 يىل توشتى.
بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرىكى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت گېربى، مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈملىرى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، دۆلەت سىياسىتى، شۇنىڭدەك مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيەسىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئىلغار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەنىدى.
سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئوفىتسېرى ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ھايات خاتىرىسى: مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرىدىن مۇساپىرلىق سەپىرىگىچە
سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئوفىتسېرى ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ھايات خاتىرىسى: ئىنقىلاب قوينىغا قوشۇلۇش
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، 1952-يىلى، ۋاڭ جىن ئۇنىڭغا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە توغرىسىدا كونكرېت پىكىر قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن.
1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان غۇلجىدىكى «51 زىيالىي» نىڭ 1951-يىلى، 4-مارت كۈنى ئاچقان ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى.
بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدۇق دەپ جاكارلىغانلىقىغا 70 يىل توشقان كۈندۇر.
1950-يىلى 17-فېۋرال كۈنى ماۋ زېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا ستالىن ئۇلار ئۈچۈن بەرگەن ئۇزىتىش زىياپىتىگە سەيپىدىن ئەزىزمۇ قاتناشتى.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي-ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە بۇ يىل 27-ئاۋغۇست كۈنى 70 يىل توشتى.
ماۋ زېدوڭ ستالىننىڭ شىنجاڭ، يەنى ئۇيغۇر دىيارى بىلەنمۇ ئايرىم كېلىشىم تۈزۈش تەلىپىگە بىنائەن، سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىقىدىكى بىر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، موسكۋاغا ئېلىپ كەلگەنىدى.
ستالىن ۋە ماۋنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ موسكۋا سەپىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت» چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى
جۇ ئېنلەي سەيپىدىن ئەزىزىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ نامىنى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاشنى ئېيتقان.
«ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومى ئۇنىڭ 1949-يىلىدىن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھايات مۇساپىسى ۋە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن سىياسىي، مىللىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار ھەم كۈرەشلەرگە بېغىشلانغان.
يېقىندا خىتاينىڭ بازى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىلىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى مەخسۇس خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى.
1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاز ساندىكى قىسىملىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
ئايشەمخاننىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ رول ئوينىغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئايشەمخاننىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈچۈن ئۇنى «پىدائىي» كۈمۈش مېدالى بىلەن تەقدىرلەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتكەن قوشۇنىنىڭ جەڭچىسى شەپقەت ھەمشىرىسى ئايشەمخان نامسىز قەھرىمانلارنىڭ بىرى.
ئىستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېز قۇرۇشى، يەنى كېچىكتۈرمەي، 1949-يىلىنىڭ 10-ئايلىرىدا ئېلان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئەدىب ئىابدۇرېشىت ئىمىنمۇ بار ئىدى.
ھاكىم جاپپار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە غۇلجادا دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى.
ھاكىم جاپپار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە غۇلجادا دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى.
مۇخبىر ۋە تەرجىمانلىق سالاھىيىتىدىكى 27 ياشلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قازا قىلغان.
ھاكىم جاپپار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىگە ئائىت سىرلارنى ئېيتىپ بەرگەن.
ليۇ شاۋچى موسكۋانىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى دېڭ لىچۈننى غۇلجىغا ئەخمەتجان قاتارلىقلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتتى.