مايكىل ۋالت: «شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان ئەمەس!»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە 4- ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ دوكلات ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى 1949- يىلى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن؛ شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پەقەتلا بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا بولماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر بىر مىللىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ «بۇنى خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قايىل قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار <شەرقىي تۈركىستان> دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا باھا بېرىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەتقىقات تۈرىنى باشلىدۇق» دېدى. شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بېرىشكە مايكول ۋان ۋالت ئەپەندىنى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلدى.