خىتايدىكى 4 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا

خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىندا چىقارغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60% ىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەسكە چۈشىدىكەن.

مەزكۇر كومىتېت بۇ دوكلاتىنى 4‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى چىقارغان بولۇپ، 2006‏- يىلى پۈتۈن خىتايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇ سان ئۆتكەن يىلدىكىدىن 22% كۆپ بولغان. ئەمما بۇ يىل پۈتۈن خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان سان ئاران 1 مىليون 665 مىڭ ئىكەن.

خىتاي ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شياۋجيەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، خەلقئارادا سودا سۈركىلىشىنىڭ ئېغىرلىشىشى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يەنە، ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ بۇنداق زور مىقداردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.