خىتاي د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلىنى 9 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
2007.04.17
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا سەيشەنبە كۈنى خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماق ھەمدە 3 يىللىق سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى سوتلاشتا، ئۇنى تور بەتلىرىدە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان دەپ ئەيىبلىگەن.
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مىھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى
- خىتاي دائىرىلىرى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە "رابىيە قادىر" دېگەن ئىسىمنى ئاتىماسلىقنى تەلەپ قىلدى
- "رابىيە قادىر دەۋرى" خىتايلارنى چۆچۈتتى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ پامىر ئىگىزلىگىدىكى دىلونى تەكشۈرۈش تەلىپى خىتاينىڭ رەت قىلىشغا ئۇچرىدى
- جون كام: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلدى