تۈركىيە دولەت مىنىستىرى د و ق ھەيىتىنى قوبۇل قىلدى


2008.01.18

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى تۇركىيە جۇمھۇريىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان قاتارلىق بىر قانچە مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۇنى د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۇرك ئەپەندى باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى قاتارلىق بىر قانچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مۇستافا سىيىت يازىچىئوغلۇ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۇمتۇرك ئەپەندى بىر قانچە مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.