خىتاي دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى يې شاۋۋېن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى


2008.02.21

خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يې شاۋۋېن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىغا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان دوكلات ياكى باياناتلار ئېلان قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلماقتا. يې شاۋۋېن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتىتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى ئاقلىدى.

ئۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پائۇلا دوبرېينسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىياتى دىنىي ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا تايىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە پرېزىدېنت بۇشنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى جون خانفرىد قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

يې شاۋۋېن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 ‏- يىلى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ دىنىي مەزھەپلەرنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى " ئاساسسىز" دەپ ئەيىبلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆزىدە خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا سۆزلىگەن دىننىڭ رولى ھەققىدىكى بايانى"دۇنياغا بېرىلگەن مۇھىم بىشارەت" دەيدۇ. لېكىن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتى، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ھەم ھەج قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلار تەنقىدكە ئۇچرىماقتا ئىدى.

يې شاۋۋېن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا شەرەپ مېدالى بېرىش ۋەقەسىگە باھا بېرىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىلەن ئالدىراشلىقىنى، بۇنىڭغا غەزەپلىنىشكە " ۋاقتى يوقلۇقىنى" بىلدۈردى. ئۇ، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋاتىكاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى ئازىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.