كۆزەتكۈچىلەر: «22 دۆلەت ئورتاق بايانات ئارقىلىق خىتايغا ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.11
BDT-belgisi.jpg ب د ت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشى. ب د ت باش شتابى. 2013-يىلى 3-سېنتەبىر.
AP Photo/Bebeto Matthews

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنى چەكلەشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ۋە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 2 مىليون ئەتراپىدا ئادەمنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرى ناتسىستلار قاتارلىقلار يولغا قويغان «كەلمەسكە كەتتى» دەپ قارىلىۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنىڭ 21-ئەسىرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جامائىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئورگانلىرى، خەلقئارالىق ئاخباراتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ئەسلىدىكى لاگېرنى ئىنكار قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر «مېڭىسى رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ، تەربىيەلەپ جەمئىيەتكە قايتىدىن ياراملىق قىلىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىنغان» تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى. ئاخباراتلاردا ساناقسىز تەشۋىقات فىلىملىرىنى تارقاتتى، نۇرغۇن دۆلەت دىپلوماتلىرىنى، مۇخبىرلىرىنى ئاتالمىش تەربىيە مەركەزلىرىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇردى، ب د ت دىكى ئالاقىدار يىغىنلاردا تەشۋىق قىلدى، قوشۇمچە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ئاقلاش تەشۋىقات ھەرىكىتى ئۈچۈن زور دەرىجىدە كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجراتتى.

بىراق، 10-ئىيۇل كۈنى، ب د ت قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنيانى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۆلەتلەر باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى ۋە شۇنداقلا زور كۆلەملىك تۇتقۇننى دەرھال توختىتىشقا، ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ھەقىقىي يوسۇندا توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى. يۇقىرىدىكى بۇ دۆلەتلەر يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى بۇ چاقىرىق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى ئورگانلار ۋە شەخسلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون 11-ئىيۇل كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «دۇنيا خىتايغا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر سىگنال بەردى» دېدى. سوفى رىچاردسون مۇنداق دېدى: «22 دۆلەت بۇ بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق خىتايغا ناھايىتى كۈچلۈك سىگنال بەردى. يەنى، ئۇلار خىتايغا بىز بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىمىز، بۇنى سۈرۈشتۈرىمىز. سەن ھەرگىز بىر مىليون كىشىنى سولاپ قويۇپ، بۇنىڭدىن سوراقسىز قۇتۇلالمايسەن. بىز سېنىڭ رەھبەرلىرىڭنىڭ سۆزىگە ياكى بۇ يەردىكى قوشۇمچە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىڭگە ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتلىرىڭگە ئىشەنمەيمىز. بىز قاچان رايوندىكى مەسىلە ئاياغلاشمىغۇچە، ئۇنىڭ سورىقىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېگەن سىگنالنى بەردى»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا بۇنى «يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېرىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىنىڭ نەتىجىسى»، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان 22 دۆلەت بولسا ئاۋسترالىيە، ئاۋىستريە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت. سوفى خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ چاقىرىق بىر «كۈتۈلمىگەن ئەھۋال» بولغان. سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بۇ مەسىلىدە چوتنى خاتا سوقتى. چۈنكى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى بولىدۇ. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ئۆتكەن 11-ئايدا بولغانىدى. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىز شۇ يىغىننىلا ئۆتكۈزۈۋالساق، بىزگە باشقا تەنقىد كەلمەيدۇ، كېلەر قېتىملىق يىغىن كەلگۈچە بولغان 4 يىل ئارىدا قىلىدىغىنىمىزنى قىلىۋالىمىز، دەپ ئويلىغان. يەنى، ئۇلار بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۇنداق بىر بايانات چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بىراق، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر بولسا بۇ بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق بىز ھەر ۋاقىت سېنى كۆزىتىمىز، خالىغىنىڭنى قىلىشىڭغا يول قويمايمىز، دېدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ئورگاننىڭ نورملىرىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئىدۇق. مېنىڭچە بۇ ئورتاق باياناتنى بېرىشتىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، خىتايغا بۇ ئورگاننىڭ جىددىي بىر ئورگانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت، دەپ قارايمەن»

22 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە CNN تېلېۋىزىيەسى، BBC رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى، ئەل جەزىرە قانىلى قاتارلىق مېدىيالار بىردەك خەۋەر بەردى. خەۋەرلەردە، بۇنىڭ زور بىر نەتىجە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقارغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى يوقلۇقى بولسا تىلغا ئېلىنغان ۋە مۇلاھىزە قىلىنغان مۇھىم بىر تېما بولدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىدىكى بۇ دۆلەتلەر قاتارىدىن بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق،» دەپ كۆرسەتتى.

ئەل جەزىرە قانىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئارسالان ئىفتىخارنى زىيارەت قىلغان. ئارسالان ئىفتىخار سۆزىدە يۇقىرىدىكى 22 دۆلەتتە بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى يوقلۇقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدىن قارىغاندا دۇنيادىكى بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەخلاقىي جەھەتتىن گۇمران بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز» دېدى.

سوفى رىچاردسون بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ يۇقىرىدىكى بۇ ئورتاق چاقىرىقنىڭ ھېچ بولمىغاندا تۈركىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوفى خانىم مۇنداق دېدى: «مەن بۇ چاقىرىقنى باشقا دۆلەتلەرگە بىر ئىلھام بولىدۇ، دەپ قارايمەن ۋە بىز شۇنداق بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز. چۈنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ ھەقتە ناھايىتى كۈچلۈك بىر بايانات بەرگەن. مالايسىيادىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئورگانلارمۇ شۇنداق. دېمەك، بۇ دۆلەتلەردە مەلۇم ئاساس بار. مەن بۇ بايانات ئارقىلىق يەنە بىر قانچە دۆلەتنىڭ بۇ ئورتاق باياناتقا قوشۇلىدۇ، دەپ قارايمەن»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ھەر تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتا 2016-يىلى مارت ئېيىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 12 دۆلەت ئىمزاسىدىكى بىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق باياناتتا ئورۇن ئالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يۇقىرىدىكى بۇ ئورتاق باياناتقا قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ پەيشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياناتتا ئورۇن ئالغان 22 دۆلەتكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇلار پاكىتنى كۆرمەسكە سالدى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.