تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى


2007.11.24

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ، تۇنجى قېتىم بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى سوتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى تۇرۇشى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەن.

جۈمە كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى سوتىنىڭ رەئىسى، تەيۋەننىڭ، خىتاي سوتچىسىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى چىقىشى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلىگە دۇچ كەلتۈردى، دېدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى، دۇنيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر ئورگان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۈشەنبە كۈنى، خىتايلىق ئادۋۇكات يۈجاۋجاڭنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش ئورگانىنىڭ ئەزالىقىغا نامزادلىقىنى توساش ئارقىلىق، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى ئاساسەن توختىتىپ قويغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.