قىرغىزىستانلىقلار قايتىدىن فامىلىسىنى رۇسچىلاشتۇرماقتا
2008.01.27
قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت" دەپ ئاتالغان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال ئاباد، باتكەن قاتارلىق ئوبلاستلىرىدا كىشىلەرنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن پاسپورتلىرىدىكى فامىلىلىرىنى رۇسچىلاشتۇرىۋاتقانلىقى، يەنى، بۇرۇنقى "قىزى" ۋە ئوغلى" دېگەندەك قوشۇمچىلارنى قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەنئەنە بويىچە ئاياللارنىڭ فامىلىسىنىڭ ئارقىسىغا " ئوۋا''، "ئېۋا"، ئەرلەرنىڭكىگە " ئوۋ" ياكى " ئېۋ" قوشۇمچىسىنى قوشۇپ يازدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە قىرغىزىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنداق، فامىلىنى رۇسچىلاشتۇرۇش ئەھۋالى ئاممىۋى شەكىلدە يۈز بېرىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب يەرلىك ئاھالىلارنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلىشى ھەمدە ئۇ يەردە تۇرۇشى ۋە باشقا قولايلىق شارائىتلار ئۈچۈن ئىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسچە فامىلە قوللىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خاھىشلىرى پەيدا بولغان ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەردە بۇ ئىش مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن كۆپلىگەن قىرغىزىستانلىقلار " ئوف ۋە ئوۋا " دېگەندەك رۇسچە قوشۇمچىلارنى تاشلىۋەتكەن ئىدى.
ھەتتا يېقىندا تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامېلى راخمانمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى فامىلىسى راخمانوۋنىڭ ئارقىسىدىكى " ئوۋ" قوشۇمچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، "مەن راخمانوۋ ئەمەس راخمان" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ھازىر، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنىڭ رۇسىيىگە ئىشلەشكە كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدا يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى ئاچىدۇ
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
- قىرغىسىتاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرسىتان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ھاشىر ۋاھىدىنى خاتىرىلىدى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بەرمەكچى
- بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىقنىڭ يىپەك يولىدا كۆرگەنلىرى : قەشقەرىيە ۋە پەرغانە سېلىشتۇرمىسى
- 17 تانكىنى پارتلاتقان ئۇيغۇر قەھرىمان - سۇلھىي لۇتپۇللا
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
- خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلىماقتا
- پرېزىدېنت باقىيېف ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ي ب ھ ت قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى









