ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى


2007-04-27
Share

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاۋاز بېرىپ مۇشۇ يىلى 1-دىكابىردىن باشلاپ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئۇزۇندىن بېرى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ 13 نەپەر ئەزاسى بۇ مەزكۇر قارارغا قارشى بىلەت تاشلىغان. پارلامېنتنىڭ قارارىغا نىسبەتەن ئاقساراي باياناتچىسى بۇ قارارنىڭ ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي باياناتچىسى Dana Perino مۇنداق دېدى: " بۈگۈن پارلامېنت ئەزالىرى ئىراقتىكى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى. پرېزىدېنتمۇ بۇ قارارغا ئاۋاز بېرىدۇ". ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقت چېكىنى بەلگىلەش غەلىبىنى تېررورچىلارغا ئۆتكۈزۇپ بېرىدۇ دېيىشكەن ئىدى.

گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى David Petraeus ۋە باشقا دۆلەت مۇداپىئە خادىملىرى پالاتا ئەزالىرىنى مەزكۇر قارارنى ماقۇللىماسلىققا كۆندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى.

ۋاشىنگتون پوست گېزىتى 27 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئۇرۇش خىراجىتى ئۈچۈن 124 مىليارد دوللار تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ خىراجەت ئامېرىكىنى 1- ئىيولغىچە ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرۈشكە باشلاشقا مەجبۇرلايدىكەن.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە 2003 - يىلى ئىراققا بېسىپ كىرگەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تەرەپتىن 3337 ئادەم چىقىم بولغان. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت