ئانا دەريانىڭ پەريادى
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى ئىزنالىرىغا قارىساق، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن سۇ قوغلىشىپ ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت. يەنى، جەنۇبتىكى قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلانغان تارىم دەرياسى ۋادىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى يۇرتلىرىدۇر.
تەڭرى تېغى ئاتا دىيىلسە، تارىم دەرياسى خۇددى ئانا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ ئانا دەريانىڭ ۋادىسىدا بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان، ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئېقىنلىرى بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقلىرىغا سىڭىپ كېتىدۇ. تارىم ئويمانلىغى، تەڭرى تاغلىرى بىلەن قۇرۇم تاغلىرى ئارىسىغا جايلاشقان چەكسىز كەتكەن چوڭ تەكشىلىك.
ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ.
بۈگۈنكى تارىم ۋادىسىغا نەزەر سالساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى شۇنىڭدەك غەربنى ئېچىش بورىنى بىلەن تارىم دەريا ۋادىسى كەڭ كۆلەملىك تەبىئەت بۇزغۇنچىلىغى، بايلىق بۇلاڭچىلىقىغا يۈزلەندى.
خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىشى بىلەن....
بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تارىم ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قالايمىقان بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتى، ئاتوم سىناقلىرى، تارىم دەرياسى شۇنداقلا بۇ ۋادىنىڭ ئومۇمىي ئېكولوگىيىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر.
بۇ دىياردا توختاۋسىز كۆرۈلۈۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سەزسە كېرەك. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئۆتكەن ھەپتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنىدا "خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز تارىم ۋادىسىدا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بوز يەر ئېچىشىغا يول قويماسلىق" ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان.
مەزكۇر قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز ھەمدە پىلانسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك بوز يەر ئېچىش نەتىجىسىدە، بۇ ۋادىدا چۆللىشىش ھەم قۇملىشىش ئېغىرلاشقان. تارىم دەرياسى سۈيىنى باشقۇرۇش توغرا بولمىغانلىقى ئۈچۈن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئازلاش ھەتتا بەزى تارماق ئېقىنلىرى قۇرۇشتەك ئېغىر ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش كېلىپ چىققان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن سىتاتىستىكىسىدىن ئاشكارلىنىشىچە، 2000 - يىلىدىن بۇيان، تارىم ۋادىسىدا قالايمىقان ئېچىلغان يەرنىڭ كۆلىمى 190مىڭ موغا يەتكەن. تارىم دەرياسى خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا بولۇپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كېلومېتىر كېلىدۇ.
يەر يۇتقۇچى - بىڭتۇەن
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا قىلغان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنلىرى تارىم ۋادىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، دەسلەپ بىڭتۇەنگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى، تارىم دەريا ۋادىسىدا 1950 - يىللاردىن بېرى بوز يەر ئېچىش ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا تارىم دەرياسى سۇيى پىلانسىز دەريا، ئېقىنلارغا ئايرىلىپ بىڭتۇەن قورشىغان رايونلارغا ئېقىتىلدى.
كېيىن يەنە، بوز يەر ئېچىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە يەنىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا، خىتاي كۆچمەنلىرى تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئاچسا باج ۋە ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، بوز يەر ئاچقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆپىيىشى ھەم ئۇلارنىڭ پىلانسىز قالايمىقان بوز يەر ئېچىشى جەريانىدا، تەبىئىي قۇم سۈزگۈچلۈك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان توغراق، يۇلغۇنلار كېسىلدى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى شەكىللەنگەن تەبىئىي يېشىل بەلباغلار بۇزۇلدى.
مۇھىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، مانا بۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان قۇم كۆچۈش، قۇم بوران چىقىش، تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ ئازلاش، بەزى كۆللەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ئوخشاش يامان ھادىسىلەرگە سەۋەب بولغان. ئۇلار "ئانا دەريا پىغان چەكمەكتە.... قۇم بورانلار ئۇنىڭ پىغانى، مۇبادا تارىم ۋادىسىدىكى بۇ بۇزغۇنچىلىقلارغا يەنە يول قويۇلسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىدە چوڭ تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ." دەپ تەشۋىشلەنمەكتە.
قۇم – بوران ئېغىرلاشماقتا
تارىم ۋادىسىدىكى لوپنۇر يېزىسىدا ياشاۋاتقان بىر دېھقان ئايال، بۇ جايدا بوز يەر ئېچىش داۋاملاشقاندىن كېيىن تارىم دەرياسىنى مەنبە قىلىدىغان لوپنۇر كۆلىمۇ قۇرۇپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بۇ رايوندا قۇم- بوران ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭمۇ ئېغىر بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
تارىم دەرياسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەئەسى، ئۇنىڭ بۇلغىنىشى ئۇيغۇر دىيارى ھەمدە خەلقىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خەلق، ھۆكۈمەتنىڭ ئانا دەريا ۋە تارىم ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلارغا يول قويماسلىق ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىنى كۈتمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غۇلجىدا قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئورنىغا خىتاي كوچىلىرى بەرپا قىلىنماقتا
- خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش دولقۇنى باشلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە كۆچمەن ئىشچىلارغا ئىمتىياز بېرىش تەشەببۇس قىلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت كرىزىس مەسىلىسى