«ئۇيغۇرلار يىغىلىشى» تەشكىلاتى پرېزىدېنتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.03
washington-namayish-5-iyul-2020.jpg ئامېرىكانىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 4-ئىيۇل دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 11 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 3-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 4-ئىيۇل دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 11 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئىيۇل كۈنى ئاقساراينىڭ يان تەرىپىدىكى پېنىسلىۋانىيە كوچىسىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە نيۇ-يوركتىىكى «ئۇيغۇرلار يىغىلىشى» (Uyghur Rally) تەشكىلاتى بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق».

بۇ نامايىشقا نيۇ-يوركتىن كەلگەن «ئۇيغۇرلار يىغىلىشى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى يوسىف نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىشىمىزنىڭ مەقسىتى پرېزىدېنتقا ئۇچۇرىمىزنى يەتكۈزۈش. يەنى پرېزىدېنتنى ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىش. ئىككىنچىدىن، يەرشارى مەگىنىتىسكىي قانۇنى ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگېرىلىرىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلىش. يېقىندا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى 2019› رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى، بىز پرېزىدېنتنى بۇ قانۇننى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز».

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئامېرىكا دۆلەتلىك مەسچىتنىڭ ئىمامى تالىپ شەرىف قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دىن، مىللەت، ئىرق ئايرىماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى؛ «بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلدۇق. چۈنكى دۇنيانىڭ بىر يېرىدە ئادالەتسىزلىك بولسا، پۈتۈن دۇنيادا ئادالەتسىزلىك بار دېگەنلىك بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن. ھېچقانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمىسىمۇ بىز ئىنسانلار بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ ياشايمىز. ھېچكىم يالغۇز ياشىيالمايدۇ. ياراتقۇچى ھەممىمىزنى ئوخشاش ياراتقان. ئۇيغۇرلارنى خىتاي ياراتمىغان. ياراتقۇچى ھەممىمىزنى ئوخشاش ياراتقان، شۇڭا قايسى دۆلەتتە ياشىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئىنسانىي قەدىر قىممىتى بىلەن ياشاشقا ھەققىمىز بار. ياراتقۇچى بەرگەن ھوقۇقنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. بىز مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتىمىز. خىتايغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئامېرىكامۇ قۇربان بېرىۋاتىدۇ. قۇربان بېرىش ئاسان ئەمەس، لېكىن ئىنسانىي قەدىر-قىممەت بىلەن ياشاش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ئەرزىيدۇ».

مەزكۇر يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەتتا نيۇ-يوركتا، ھاۋايىدىن كەلگەنلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە ئۇيغۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيىتىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.