ئامېرىكادا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.05
namayishtin-bir-korunush.jpg «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى قايغۇ ئىچىدە خاتىرىلەيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى دەل «5-ئىيۇل» دۇر.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر ساھە ياشلىرى تىنچ نامايىش تەشكىللەپ، شۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ تاياق يېيىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما نامايىش ئاخىرىدا قوراللىق باستۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئارقىلىق ئاشۇ پاجىئەلىك كۈننى خاتىرىلىدى.

بۈگۈنكى نامايىشمۇ باشقا پائالىيەتلەرگە ئوخشاش ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلاندى. مارش مۇزىكىسى قويۇلغاندا نامايىشقا كەلگەنلەر ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەچ مارشقا جۆر بولدى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق پائالىيەتنىڭ ھەيۋىتىگە تېخىمۇ ھەيۋەت قوشقان ئىدى، سانجان-سانجاق كۆك بايراقلار ئەلچىخانىنىڭ چوققىسىغا قادالغان خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىغا قارشى بىر ئىستىھكامنى ئەسلىتەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ كۆپچىلىكنى ئۆتمۈش تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك ھايات-ماماتلىق گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقى ئاشكارا بولۇۋاتقاندا ھەر كىم ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى.

شۇ قاتاردا سۆز قىلغان زۇبەيرەمۇ ھەققانىيەتنى ياقلاۋاتقان، ھەق ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار ھېچقاچان ئۈمىدسىز بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى جاراڭلىق شوئار سادالىرى بىلەن ئىپادىلەپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى.

نامايىش جەريانىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيانقى نامايىشلاردىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن پاتىگۈل غۇلامغا ئوخشاش بىر قىسىم ئانىلار غايىب بولۇپ كەتكەن ئوغۇللىرىنى ئىزدىگەن بولسا، ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھارپىسىدا كۆپلىگەن بايانات ۋە يازمىلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات نامايىش جەريانىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

نامايىشچىلارنىڭ توختاۋسىز داۋام قىلغان شوئار سادالىرى بۈگۈنكى پەۋقۇلئاددە ئىسسىق دەستىدىن سۈكۈناتقا چۆمگەن ئەلچىخانا مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ ئۇزاق-ئۇزاقلارغىچە ئاڭلانماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.