ئامستېردام ۋە كارلسرۇخې شەھەرلىرىدىمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق شەھەردە 2-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغا قەدەر ھەرخىل كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. 5-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدىمۇ 6 تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئىيۇل، ئامستېردام، گوللاندىيە.

كارلسرۇخې شەھىرىدىن بىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا ئۇيغۇرلار ۋە گېرمانلاردىن سىرت، ئۇكرائىنالىقلارمۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

5-ئىيۇل كۈنى يەنە گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كېيىملىرىگە ئوخشاش مەھبۇسلۇق كېيىملىرىنى كىيگەن ۋە قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار بۇ ئاۋات ساياھەت مەركىزىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئىيۇل، كارلسرۇخې، گېرمانىيە.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئىيۇل، كارلسرۇخې، گېرمانىيە. (RFA/Ekrem)

دام مەيدانىدىكى نامايىشقا قاتناشقان جازا لاگېرى شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئامستېردامدىكى نامايىش ھەققىدە بىزنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنى كۆپلىگەن كىشىلەر كۆزەتكەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن شەھەرلەردە 2-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغا قەدەر ھەرخىل كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-ئىيۇل، كارلسرۇخې، گېرمانىيە.