«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 8-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى. 2009-يىلى 8-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا 10 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئەينى چاغدىكى ئارخىپلار قايتىدىن ۋاراقلاندى. ئۇيغۇر شاھىتلار 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا كۆرگەنلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتتى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان مەزكۇر پروگراممىنىڭ 3-قىسمىدا بولسۇن.

رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى 2009-يىلى 5-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە باشلانغان. ئۇيغۇر ياشلىرى دەسلەپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي قوۋۇق، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا توپلىنىپ نامايىش قىلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىن تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، نامايىش دەسلەپتە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن باشلانغان بولسا، كەچ سائەت 9 لاردا تەخمىنەن نەچچە مىڭغا يەتكەن.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەلق مەيدانىدا تەخمىنەن 3000 دىن ئارتۇق كىشى، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا خەلق دەسلەپ تىنچ ھالەتتە نامايىش قىلغان، كەچ سائەت 9 لار ئەتراپىدا نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ساقچىلار نامايىش قىلىۋاتقان خەلققە قارىتىپ ئوق چىقارغان.

ئۇچى بەرگۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي قوۋۇق، يەنئەن يولى، ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى قاتارلىق رايونلاردا جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكى، ھەتتا برونېۋىكلارنىمۇ ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى تارقىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.

ئەينى چاغدا ساقلانغان ئارخىپلاردىن 5-ئىيۇل كۈنى كېچىدىن باشلاپ خىتاينىڭ يۇكۇ قاتارلىق تورلىرىغا يوللانغان فىلىملار ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا كەلگەن تېلېفون ئىنكاسلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 7:00 دىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپ خەلق مەيدانىغا ساقچىلارنى ئەۋەتىپ نامايىشچىلارنى قورشىۋالغان. سائەت 9:00 دىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ توكىنى ئۆچۈرگەن قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىي قوشۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان. 5-ئىيۇل كېچىسىدىكى دەسلەپكى تۇتقۇن ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى، داۋان، تىك قۇدۇق، بۇلاقبېشى، دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق مەھەللىلەردە ئېلىپ بېرىلغان.

ھالبۇكى تۇتقۇندىن كېيىنمۇ يەنە ئۈرۈمچىدە، 6-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، 7-ئىيۇل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسى، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 12-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى نامايىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش زەنجىرسىمان ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 6-ئىيۇلدىكى ئاياللار نامايىشى ۋە 7-ئىيۇلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كونترول قىلدى.

6-ئىيۇل ئاياللار نامايىشى ھەقتىكى دەسلەپكى خەۋەرلەر ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۈرۈمچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان خوڭكوڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

2009-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېرى ۋە بالىلىرىنى تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىققان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشىدا تۇرسۇنگۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر ئانىنىڭ ھاسىسى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە خىتاينىڭ برونېۋىكلىرىنى كەينىگە چېكىندۈرگەن كۆرۈنۈشى، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن سۆزلەۋاتقان ناتونۇش كۆك مايكىلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ جەسۇر قىياپىتى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى.

6-ئىيۇل كۈنى نامايىش مەيدانىدا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىز سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر خانىم 10 يىل ئىلگىرىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەپ، ئەينى چاغدا بولغان تىك قۇدۇق رايونىدىكى ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

7-ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسىدە، خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇچراپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدار بولۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇم ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۈزلۈكسىز كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تۇمارس ئالماس خانىم، 2009-يىلى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ۋە 7-ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ھەققىدە 10 يىلدىن كېيىن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

تۇمارس ئالماس خانىم 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن چاغدا ئۆزىنىڭ خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە 2-دوختۇرخانىنىڭ 12-قەۋىتىدىن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە 13-ئىيۇلدىن باشلاپ خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئەينى چاغدا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىنغان 40 نەپەر كىشىنىڭ 3 نەپىرىنىڭ 7-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلار نامايىشىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان خىتاي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەندىن باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىل29-ئىيۇل كۈنى يەنە 253 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. دائىرىلەر 31-ئىيۇل جۈمە كۈنى يەنە ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىر خىتاي ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

2009-يىلى 30-ئىيۇل كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان قارا تىزىملىكتە ئابدۇخېلىل مەمتىمىن، ئابدۇرېشىت ئۆمەر، روشەنگۈل تەلەت ۋە خەيرىگۈل ئۆمەر قاتارلىق 14 نەپەر ئۇيغۇر ياش ۋە جاڭ جاۋپەن ئىسىملىك بىر خىتاي ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بۇ 14 كىشىنىڭ تىزىملىكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردە جىددىي گۇمان قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا تىزىملىكتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇنلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ئەھۋال خىتاي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن شۈبھە پەيدا قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن 2009-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇنجى قېتىملىق سوتنى ئاچتى. ئەينى چاغدا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مەخسۇس خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە ئابدۇقېيۇم ئابدۇۋايىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللا مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر قاتارلىق 5 ئۇيغۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۆت قويۇپ جامائەت مۈلكىگە زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېيىنكى خەۋەرلىرىدە، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق 253 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغان» لىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دا 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە ئۆلگەن غايىب بولغانلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشىنى ۋە خەلقئارادىن مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا» ئوغلى غايىب بولغانلىقىنى دۇنيا ئاڭلاتقان جەسۇر ئانا پاتىگۈل غۇلامغا ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۇتقۇندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىملىكى رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقە قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىل 28-ئىيۇل كۈنى خەۋەر بېرىپ، ئۈرۈمچىدە ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بوشىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش 2010-يىلغا قەدەر 10 ئاي داۋاملاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت