5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 2009-يىلى 5 ئىيۇلدا يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرلىدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى 5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك ۋە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىللىق «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىقلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تور ئارقىلىق جامائەت بىلەن ئۇچرشتى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، د ئۇ ق نىڭ ئەڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبارجان بائۇدۇنوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا قۇربان بولغان شېھىدلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇران تىلاۋەت قىلىندى، ئاندىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ۋە جەريانى توغرىسدا دوكلات بەردى.
بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەركىبىدىكى يېزىلارنىڭ يىگىت باشلىرى ۋە ئاكتىپ ئەزالىرى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە يەنە قازاقىستاننىڭ قورداي يېزىسىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەۋلان ھوشۇروفمۇ قاتناشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەۋلان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە جالال ئاباد شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە جالال ئاباد شەھىرىدىكى خەلقلار ئاسسامبلىيەسىنىڭ رەئىسى كانىبېك ئاتتوكۇروف قاتناشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جالال ئاباد ئوبلاستى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.