خۇۋېي شىركىتىنىڭ 5G تېخنىكىسى خەلقئارادا سەزگۈر تېمىغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.05.29
xuawei-shirkiti.jpg خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى 5G سىمۋولى قويۇلغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئالدىدا تېلېفون سۆزلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 5-دېكابىر، شېنجېن.
AP

خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق بۇ يىل ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3800 دانە 5G تور تېخنىكىسى پونكىتى قۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق ساياھەت رايونلىرى، ئېلېكترون تورلىرى قاتارلىقلارنى 360 گرادۇسلۇق چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ۋە ماشىنا ئادەملىرىنى ئىشلىتىپ كۆمۈركان، پولات تاۋلاش زاۋۇتلىرى ۋە باشقىلاردا ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار يولغا قويۇلىدىكەن. ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدە 2200 5G پونكىتى قۇرۇلۇپ بولۇنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى خىتايدىكى 5G تېخنىكىسى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى تۈركۈمدىكى شەھەرلەرنىڭ بىر ئىكەن.

خىتاي خەۋىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 5G تېخنىكىسى رەھبەرلىك ئورنى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر 5G تېخنىكىسى يېڭى ئاممىۋى سورۇن بىنالىرى، ئاھالىلەر رايونى، يول لىنىيەسى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلار بىلەن تەڭ پىلانلىنىپ، تەڭ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە، قاتناش، داۋالاش، مائارىپ، مەھەللىلەر ۋە باشقا ھەر قايسى قاتلاملاردا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئەمما، خىتاي، مەزكۇر 5G تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشنى قارىماققا تەرەققىيات ۋە خەلق ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بارلىقى، يەنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈچەپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان گ5 تور تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «5G نىڭ نازارەت قىلىش كامېرالىرى ۋە تېلېفون سىستېمىلىرىغا دائىر نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىقتىدارى بار. ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا تېلېفوندىكى سىستېمىلار ئارقىلىق ئۇچۇر توپلايدۇ، تور قانچە تېز بولسا ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىش پۇرسىتى شۇنچە ئاشىدۇ ۋە ئاسانلىشىدۇ، ئۇچۇرلارنى ناھايىتى تېز ئەۋەتكىلى بولىدۇ، نازارەت قىلىدىغان كامېرالار ئارقىلىق ھەممىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى ۋە ئاۋازلارنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھەتتا كۆپىنچە كامېرالاردا ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى بار. 5G تېخنىكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغان نۇرغۇن سىستېمىلىرى بار».

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بەنېدكىت روگېرس «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خۇاۋېي ئۆزىنى شەخسىي شىركەت دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى» بويىچە ھۆكۈمەت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىشلىرىغا يانتاياق بولغان بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.

«بازفىد خەۋەرلىرى» نىڭ بيۇرو مۇدىرى مېگا راجاگوپالان 2017-يىلى قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىمۇ چىدىغۇسىز بىر باستۇرۇشنى كۆرگەنلىكى، ھازىر ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئېيتىپ ئەپسۇسلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇ يەردە ياشاش ھەقىقەتەن تەس، دائىم ساقچى تەرىپىدىن توختىتىلىسىز، كومپيۇتېر، تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىڭىز دائىم تەكشۈرۈلىدۇ. چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى بېسىمنى ھېس قىلىسىز. قارشىلىق قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئاشۇنداق ئۆتىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئەھۋالنىڭ ئۇنچىلىك ناچارلىقىنى خىيال قىلالمىغانىدى، شۇڭا ھەيران بولۇشتى. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئاشۇ رايونلارنى ساياھەت قىلغانلار ھەتتا ئاشۇ ئەھۋال توغرىلىق يېزىلغان دوكلاتىنى ئوقۇغانلارنىڭمۇ، يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشقا ئىشەنگۈسى كەلمىدى».

مېگا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىت دەل خىتاينىڭ بۇ جايدا يۈز تونۇش ئاپپاراتى، كامېرالار ۋە باشقا تۈرلۈك تېخنىكىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى نازارەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ۋاقىت ئىدى. نۆۋەتتە، 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ خىل نازارەتنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى جەزم قىلىنماقتا.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئون نەچچە كىشى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە باغلىنىشلىق بولغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى 5G تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش لازىم»، دەپ كۆرسەتكەن. 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ئەنگلىيەنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تېخنىكىسى ھەققىدە ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغانىدى.

«Business Insider»، يەنى «سودا ئىچكى يۈزى» ناملىق توربەتنىڭ 29-ماي بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىللە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گ5 تور تېخنىكىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك سەزگۈر تېمىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «5 خۇۋېي شىركىتىنىڭ مەبلىغى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدۇ ۋە توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمىنلەيدۇ. 5G تېخنىكىسىنىڭ كىشىلەردە يامان ئۇقۇم پەيدا قىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە ئوينايدىغان رولى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.