«ئاپتونومىيە» نىڭ تەۋەللۇتى ۋە ئۇنىڭ 65 يىللىق مۇساپىسى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.10.15
shi-jinping-xitay-dolet-70-yilliqi.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە. 2019-يىلى 30-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AP

پۈتۈن خىتاينى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ، دىڭ شياۋپىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» دەپ ئاتايدىغان نىسپىي ئەركىنلىك مۇھىتى بارلىققا كەلگەن 1980-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە قىسمەن دېمىنى ئېلىۋېلىش ئىمكانىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتىكى كونتروللۇق ماھىيەتتە ئەسلى ھالىتىدە تۇرۇۋەرگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىگىرمە ئوتتۇز يىل جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «ئايرىلماس تەركىبى قىسمى» غا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىدەك رېئاللىقنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. «ئاپتونومىيە» رامكىسىدا داۋام قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە باشقىچە يول تۇتۇشقا ئۈندىگەن. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ بىر تەركىبىي قىسمى قىلىپ چىقالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ جايدىكى خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلاش، ئىسلام بىلەن باغلانغان كىملىك تۇيغۇسىنى ئۆچۈرۈش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. ئەمما بۇلارنىڭ نەتىجىسى خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك بولمىدى. بۇ رايوننىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدىكى ئۆتكۈنچى بەلۋاغ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ھەمدە نوپۇس، مىللەت قۇرۇلمىسى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە خاراكتېرى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي خىتايغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشمىدى. شۇنىڭ بىلەن 1950-يىللاردىن باشلانغان بۇ ھال 1980-يىللارغا كەلگەندە بىر زور ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەدەنىي ھاياتتا بىر قېتىملىق گۈللىنىش بارلىققا كېلىپ، ئىزچىل تەقىب قىلىنىپ كەلگەن ئىسلام دىنىغا ئەركىنلىك بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەسچىتلەر كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىسلام دىنى قايتىدىن جانلاندى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن 1990-يىللارغا كەلگەندە بۇ خىل ‹ئەركىنلىك›كە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.»

ئەنە شۇ تەرىقىدە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ نىسبەتەن قىسقىرىشى، «ئاپتونومىيە» قۇرۇلمىسىغا خاس قىسمەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلۇشى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بۇ قىسقىغىنە «دېمىنى ئېلىۋېلىش» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قايتا ئويغىتىش ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مالىمانچىلىق دەۋرىدىن قالغان جاراھەتلەرنى ئەملەش» سىياسەتلىرى بويىچە ئىلگىرى قاتتىق تەقىب قىلىنغان مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىنىڭ قىسمەن «ئەركىنلىك» كە مۇيەسسەر بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ كەلگەن نارازىلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. بۇ نارازىلىقلار بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئاپتونومىيە» نىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى ئاپتونومىيە بولماستىن بەلكى ئۆز پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە بولۇشىنى تەلەپ قىلىشتا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتتى. بولۇپمۇ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى بۇنىڭدىكى ئەڭ جانلىق ئۈلگىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ:

«ئەنە شۇ تەرىقىدىكى نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن 1989-يىلى خىتايدا زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باشلاندى. خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى. ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرىدە بىر قارىماققا خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئومۇمىي مەنزىرە كۆزگە چېلىقسىمۇ، يەنە بۇنىڭدا تۈرلۈك ئۆزگىچە تېمىلار بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى لوپنۇردىكى ئاتوم سىنىقىنى توختىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىنجاڭغا زور كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىشىگە چەك قويۇش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش دېگەندەك نازۇك تېمىلار شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ‍ئۆزىگە خاس مەزمۇنلىرى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل نارازىلىق تېزلا سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يىغىلىپ قالغان نارازىلىق چۇقانلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. 1990-يىلىغا كەلگەندە دىنىي ئەقىدىلەردىن مەدەت ئالغان، ئەمما كۆلىمى بەكلا كىچىك بولغان بارېن يېزىسىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. بۇ قوزغىلاڭ ئالدىن پىلانلانغان ھەمدە قوزغىلاڭ جەريانىدا ئىسلامىي شوئارلار توۋلانغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يېزىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. ئەنە شۇ بىر يېزىدىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ساراسىمىگە چۈشۈپ، پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا يەنە بىر قېتىم زور كۆلەملىك باستۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. ‹قاتتىق زەربە بېرىش› نامىدا باشلانغان بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. گەرچە تيەنئەنمېندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تەۋەسىدە نىسپىي ئەركىنلىكنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭدا دىنىي كىملىك، مىللىي كىملىك ۋە باشقا ساھەلەردىكى پىكىرلەر قاتتىق تەقىب ھالىتىدىن قۇتۇلالمىدى.»

بۇ خىل رېئاللىقنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىڭتۇەن» نامىدىكى ئىككىنچى ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىشىدە ئىپادىلەندى. بولۇپمۇ دېڭ شياۋپىڭنىڭ «بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى رولى» توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ ھەر جەھەتتىكى فۇنكىتسىيەسى تېخىمۇ مۇكەمممەللەشتۈرۈلۈپ، ماھىيەتتە ئاپتونومىيە سىستېمىسىدىكى ھۆكۈمەتنى چەكلەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. بۇ خىل ئىچكى قىسىمدىكى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋەزىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بىر قاتار جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا چېگرىداش بولغان بۇ رايونلاردىكى يېڭى يۈزلىنىشنىڭ بۇ رايونغا «سەلبىي تەسىر» كۆرسىتىپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ:

«1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەمدە 1990-يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ئەركىنلىكنى كونترول قىلىشنى باشلىغان بولسا ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي بولمىغان بۇ رايوندا بۇ تەدبىر تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بولغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىغا تۇتاش بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ شەكىلدە بۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەمدە ‹ئاپتونومىيە› رامكىسىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ خىل خىتاي ئۆلكە سىستېمىسىغا ‍ئوخشىمايدىغان ئاپتونومىيىلىك رايوندا ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى زىنھار خالىمايتتى. دەرۋەقە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشنى كەلگۈسىدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ياكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتىكى يېڭى ئۈمىد، دەپ قاراۋاتقانىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى كۆپىنچە پۇقراۋى شەكىل ئالغان زورلۇق ھەرىكەتلىرىدە ھەمدە كۆلىمىنىڭ بەكلا كىچىك بولۇشىدا ئىپادىلەندى. بۇ جەرياندا قانداقتۇر ئالدىن تەشكىللەنگەن ھەمدە زور كۆلەم ئالغان ‍ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بارلىققا كەلگىنى يوق. ئەمما خىتاي دۆلىتى بۇ رايونغا بولغان نوپۇس يۆتكەشنى تېزلەشتۈرۈپ، ‹تەرەققىيات› نامىدا بۇ رايوننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى قىلىپ ئېرىتىۋېتىشكە جىددىي تۇتۇش قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىكى ‹ساداقەتسىزلىك›نىڭ ھەرقانداق شەكلى قاتتىق باستۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىن باشلاپ يامانلىشىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق 2000-يىللارغا كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.»

ئەنە شۇ تەرىقىدە 2000-يىللاردىن كېيىن «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپتونومىيە» نى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا بىكار قىلىش يۈزلىنىشىگە قاراپ مېڭىشى بىلەن تەبىئىي يوسۇندا بىرلىشىپ كەتتى. خوڭكوڭ رايونىغا بېرىلگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيەنىڭ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان «50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك» پىرىنسىپىنىڭ بىكار قىلىنىشى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان ئاپتونومىيەنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق نامايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.