گۇۋاھچى ماھىرە ئېزىز: «CGTN نىڭ خەۋىرى يالغان چىقتى، دادام تېلېفونۇمنى ئالالمىدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.01.02
Aziz-Niyaz.jpg ماھىرە ئېزىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ «يەر شارى تورى قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

كانادادا ياشاۋاتقان مۇھاجىر ماھىرە ئېزىز ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋام قىلغان «#تېخىچە ئۇچۇر يوق» پائائالىيىتىگە ئاۋاز قاتقان ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتكە ئىنكاس سۈپىتىدە ئىشلەنگەن خىتاينىڭ CGTN، يەنى «يەر شارى تورى قانىلى» نىڭ چاتما خەۋەرلىرىدە ماھىرە ئېزىزنىڭ دادىسى سۆزلىتىلگەن. ئۇ سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ نورمال ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە قىزى ماھىرەنى ئۆزىگە ئىككىلەنمەي تېلېفون قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ماھىرە ئېزىز مەزكۇر خەۋەردە دېيىلگەن گەپنىڭ يالغان بولۇپ چىققانلىقى، ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا تېلېفون باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.