خىتاينىڭ «Hikvision» شىركىتىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە» دەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.13
HikVision.jpg 11-نويابىر كۈنى «ئىپۋم» تور گېزىتىگە ئېلان قىلىنغان، خىتاينىڭ «ھىكۋىسىون» شىركىتىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە» دەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر.
ipvm.com

خەيكاڭ يەنى «Hikvision» شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «دىجىتال تەقىبلەش» سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بويىچە نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەش ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىش بىلەن تونۇلغان ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ بىرى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ» دەپ تۇرۇپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

11-نويابىر كۈنى، ئامېرىكادىكى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات تور بېتى بولغان «IPVM» نىڭ تور خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، «Hikvision» شىركىتى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تور بېتىدە DS-2CD7A2XYZ-JM/RX تىپلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا «بۇ كامېرالار مىللەت پەرقىنى ئايرىيالايدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇر، خىتاي دېگەندەك. . . توغرىلىق نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يېتىپ بارىدۇ» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن. بۇ يۇقىرىدىكى تېخنىكا خەۋەرلىرى تورى بولغان «ئىپۋم» نىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، خەيكاڭ شىركىتى دەرھال بۇ ئېلاننى تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. بىز بۇ شىركەتنىڭ تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولساقمۇ، تېلېفونغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى. 

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ كېلەچەكتە دۇنياغا كەڭ يېيىلىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر دېرىكتورى لۇئىسا گىرىۋ خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ «قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە «ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە ماسلىشىپ بېرىشى بىر قەبىھلىكتۇر. بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ پايدا ئالماقچى بولۇشى كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك» دېدى. 

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى زور كىرىم قىلغان بۇ «Hikvision» شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى. «تاشقى سىياسەت» ژورنىلى ئۆتكەن يىلى بۇ شىركەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە «Hikvision» -خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىلىرى قۇرۇلۇشىغا ئائىت جەمئىي 11 قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەنلىكى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنىڭ 2017-يىلى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ يالغۇز يەكەن ناھىيىسىدىكى نازارەت كامېرالىرى قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە ئالغان پايدىسى 686 مىليون دوللار ئىكەن. «Hikvision» شىركىتى ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە ئورنىتىلىدىغان 30 مىڭ كامېرا قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، پەقەت مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىلا 79 مىليون دوللارغا يارايدىكەن. يۇقىرىدىكى شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىخەتەرلىك كامېرالىرىدىن سىرت يەنە، ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئانالىز قىلىش مەركىزى، ئەقىللىق نازارەت سىستېمىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ساقچى پونكىتلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

بۇ يىل 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «Hikvision» شىركىتى ئىدى. لۇئىسا گىرىۋ خانىم ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يۇقىرىدىكى بۇ شىركەتكە قارشى خۇددى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش بىر قارار ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى سېتىشتىن چەكلىگەن. باشقا دۆلەتلەرمۇ تېزلىك بىلەن مۇشۇنداق بىر قارار چىقىرىشى كېرەك. مەنچە ‹Hikvision› شىركىتىنىڭ نازارەت كامېرالىرىنى ھەرقانداق يوللۇق سەۋەب بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان ھەربىر ئىستىمالچى، ھەربىر شىركەت، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ھەربىر ۋەتەنداش بۇ كامېرالارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق 21-ئەسىردىكى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق دىنى ۋە مىللىي زىيانكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ شىركەتلەرگە پايدا يەتكۈزۈشتىن ئاۋال چوڭقۇر ئويلىشىشى كېرەك. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بارلىق شېركەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز»

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ يىل 4-ئايدا خىتايدىكى مەزكۇر تېخنىكا بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەخپىي ھالدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ئاساسىدا ئىشلىگەن بىر خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كامېرالىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نازارەت ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ۋە مەخپىي بولغان ئىلغار تىپلىق چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا بىر ھۆكۈمەتنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى مەقسەتلىك ھالدا ئىرقىي كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ئاشكارىلانغان تۇنجى ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ساھەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاز دېگەندە 5 كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى خىتاينىڭ فۇجيەن، گۇاڭجۇ، ۋېنجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش ئۈچۈن قوللانغان. 

يەنە 2 كىشى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى، ھەتتا بىر دۆلەت دەرىجىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «IPVM» تور گېزىتىگە بۇ ھەقتە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورملىرى بويىچە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش مەسىلىسىنى پەقەتلا «ئىرقىي پەرقلەش، ئايرىمىچىلىق قىلىش ۋە ياكى ئالدىن ھۆكۈم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەشنىڭ تولىمۇ ئاددىي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ ئاپتوماتىكلاشتۇرۇلغان تېخنولوگىيەنىڭ مەخسۇس زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە قوللىنىلىشىدۇر» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.