ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتايلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019.05.17
abduweli-ayup-ana-til-shirket.JPG «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى: (سولدىن ئوڭغا)دىليار ئوبۇل ، ئەكبەرجان ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە مۇھەممەتسىدىق ئەپەندىلەر. 2013 يىلى 28-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
Oqurmen teminligen

ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتاب-ماتېرىياللار يىغىۋېلىنغان، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلى مائارىپى ئىگىلەۋاتقان بىر مەزگىلدە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 16-ماي كۈنى «خىتاي تىلىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش: ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى مائارىپ ھەرىكىتى» سەرلەۋھىلىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقارغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ جىددىي رەۋىشتە خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكى، رايوندا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر يەرلىك ۋە مەھەللىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ يوقىتىلىش نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئانا تىللىق مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ناھەق تۈرمىگە تاشلانغانلىقىدەك كەچمىشلىرى تىلغا ئېلىنىپ، تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە بۇ تىلدىكى مىللىي مائارىپنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانچىلىك دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. 

دوكلاتتا ئابدۇۋەلىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ دوكلاتىدا مېنىڭ تەرجىمىھالىممۇ بار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئاساس قىلغان كۆپ تىللىق مائارىپ سىستېمىسىدىكى مەكتەپ قۇرۇش جەريانىمدىن خەۋەردار بولالايدۇ. گەرچە زىيالىيلار بۇ خىل تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىشنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلغان مائارىپ شەكلىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن توختاتقۇزىۋەتتى.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر تىلى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، خىزمەت مۇھىتى ۋە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر تىلدۇر، بىز دوكلاتتا مۇشۇ نۇقتىلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى «زامانغا ماسلاشمىغان، قالاق بىر تىل»، خىتاي تىلىنى بولسا «زامانىۋىلىقنىڭ ئۈلگىسى» دېگەندەك قىپ-يالىڭاچ ئىبارىلەر بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 2002-يىلى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن، زامانىۋى پەن ۋە تېخنولوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. 21-ئەسىرگە نىسبەتەن بۇ بىر قالاقلىق،» دېگەن ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا مۇشۇ مەزمۇنلارمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىنى ھۆكۈمران ئورۇنغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىۋېتىشتەك قارا نىيىتى پاش قىلىنغان. 

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر بىر تىلنىڭ جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورنى ۋە قىممىتى يوقالسا ياكى بۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرگە تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارتىلسا، بۇ ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ كىشىلەر ئۆز تىلىنى ئوچۇق سورۇنلاردا ئىشلىتىشتىن خەۋپ ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئائىلە ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغان بىردىن-بىر بىخەتەر جايى بولۇپ قالىدۇ.»

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تىلىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ھەمدە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇلار بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىشى كېرەك.» 

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك پىكىر بايان قىلدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان يوشۇرۇن ھۇجۇم، يەنە بىرى داڭلىق قۇرۇلۇشلاردىن قەشقەر كونا شەھىرى ۋە باشقا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىدەك ئاشكارا ھۇجۇمدۇر. تىل بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىدۇر. بىز مۇشۇ نۇقتىلارنى چىقىش قىلغان ئاساستا دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.