«ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ساداسى» ناملىق يىغىنىدا يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-11
Share
yehudiy-natsiy-lager.jpg «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» كۈنىدە يەھۇدىي دوپپىسى كىيگەن بىر كىشىنىڭ ئاشۋېتىز لاگېرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 27-يانۋار، پولشا.
AP

-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مائارىپ تەربىيەسىنى قوللاش 2-نۆۋەتلىك خاتىرىلەش مۇكاپاتى كەچلىك زىياپىتى» ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر زىياپەتنى نيۇ-يوركتىكى يەھۇدىي ئورگانلىرىدىن «ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ساداسى» ناملىق تەشكىلات تەشكىللىگەن.

يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى ھەم شۇنداقلا تونۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتچىسى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئېلى ۋىيسەلنىڭ خاتىرىسىگە ئاتاپ قىلىنغان بۇ يىللىق مۇكاپات زىياپىتىگە ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىن ۋە يەھۇدىي ئورگانلىرىدىن نوپۇزلۇق شەخسلەر قاتناشقان.

مەزكۇر زىياپەتنى تەشكىللىگۈچى ئورگان بولغان «ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيەت ساداسى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گلەن لەندوۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتى ۋە بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش مۇكاپاتى زىياپىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۆچمەنلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى بۇ ھەقتە تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەندىزىلەرگە ئىگە. مەسىلەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇرۇپپا قانۇنىيسىزلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئىنساسىزلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئاخىرىدا يوقىتىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. تارىخقا قارىغان چېغىڭىزدا پۈتۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئوخشاش جەريانلاردىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسىلەن، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەينى چاغدىكى گېرمان ھۆكۈمىتى يەھۇدىي، سىگان قاتارلىق گېرمان بولمىغان مىللەتلەر ھەققىدە ‹بۇلار دائىم جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلار گېرمانىيە ئىقتىسادىغا زىيان سېلىۋاتىدۇ› دېگەن تەشۋىقاتلارنى قىلىپ، بۇ گۇرۇپپىلارنى قانۇنسىزلاشتۇرغان، ئاندىن بۇ تەرەققىي قىلىپ ‹بۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشىمايدۇ، بۇلارنىڭ بىز بىلەن ياشاش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇق يوق، بۇلار نورمال ئىنسان ئەمەس› دېگەن يەرگە ئاپىرىپ، ئۇلارنى كىشىلەر نەزەرىدە ئىنسانىيلىقتىن چىقارغان. ئەڭ ئاخىرىدا يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. مانا بۇ سەۋەبتىن ئەينى چاغدا 90 پىرسەنت گېرمان خەلقى ناتسىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىمۇ جازا لاگېرلىرى قۇرۇلدى. بۇلار ھەممىسى ئوخشاش جەريانغا ئىگە.»

ئۇ يەنە بۇ ئورگاننىڭ مەقسىتىنىڭ ياش ئەۋلادلارغا بۇ ھەقتە سىسىتېمىلىق مائارىپ تەربىيەسى بېرىش ئىكەبنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكادىكى مەكتەپلەردە ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توغرا ۋە بىرلىككە كەلگەن مائارىپ تەربىيەسى بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش. چۈنكى بالىلارغا توغرا تەربىيە بېرىلگەندىلا، ئۇلار كېلەچەكتە يۇقىرىقىدەك تەشۋىقاتلارنى ئاڭلىغىنىدا بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئەندىزىلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايدۇ. شۇڭا بىز بۇ تەربىيەنى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.»

گلەن لەندوۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 10-نويابىر كۈنىدىكى بۇ خاتىرە زىياپىتىگە تونۇلغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى شاھىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېلى ۋېسېلنىڭ قىزى ۋە ئوغلى، ئىسرائىلىيەنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش كونسۇلى ئاساف زامىر، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى شاھىتى مارتىن بىلچ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكادىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مائارىپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تەييارلانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ قوللىغۇچىسى كارولىن مالونېي خانىم، نيۇ-يورك شەھەرلىك كېڭەش پالاتانىڭ ئەزاسى ئاننا كاپلان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار قاتارلىق كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان.

گلەن لەندوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز سالىھ خۇدايارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا زادى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىرىنچى ئېغىزدىن بىۋاستە ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدۇق ۋە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقانلار بىلەن ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ئوخشاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بىز شۇندىلا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىزنى، كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى قانداق ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بىر-بىرىمىزگە قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز. سالىھ خۇدايارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىدىن بىز ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېيىلگەنلەرنىڭ بۈگۈن تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇق. بىز بۇنىڭغا يول قويساق قەتئىي بولمايدۇ.»

سالىھ خۇدايارمۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نيۇ-يوركتا ئېچىلغان يىغىندا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش زور قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش لازىملىقى تەكىتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

9-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ۋە توپلانغان پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

گلەن لەندوۋ ئەپەندى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنىڭمۇ يۇقىرىقى مەركەز بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا ئىشنى قىلىش، بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار تارىختىكى ۋەھشىيلىكنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. ئۇلار بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملار تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى توختىتىشى كېرەك. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمىز.»

سالىھ خۇدايارمۇ سۆزىدە ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى دەرھال ئېلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت