تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ قارار بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.05.30
Abdulkadir-yapchan-2015--yili-11-aydiki-resimi.jpg ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئادۋوكاتى ئارقىلىق تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى. تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئېتىراز باياننامىسىنى قوبۇل قىلىپ، كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «قانۇنسىزلىق، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى دەپسەندە قىلىنغانلىق» دەپ قارار بەردى ۋە ئۇ ناھەق تۇتۇلغان ئىككى يېرىم يىللىق مۇددەت ئۈچۈن 30 مىڭ تۈرك لىراسى تۆلەم تۆلەش ھەم تۆلەمنى دۆلەت خەزىنىسىدىن ئۆتەشنى قارار قىلدى.

تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيەدە ھېچقانداق بىر جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق دېيىلگەن: «2001-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەرزدار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ھېچ قانداق بىر ۋەقەگە چېتىلمىغان، بۇ ھەقتە ئەدلىيە ۋە تەپتىش ئىدارىلىرى تەرىپىدىن بىر دېلو توختىتىلغان ئەھۋال ياكى دەلىل-ئىسپات يوقتۇر».

بۇ ھەقتە تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ۋە دۆلەتنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان قارارىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى قارارلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، ئاساسىي قانۇننىڭ 19-ماددىسىغا ئاساسەن، بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا دائىر قارار بېرىلدى».

بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «زىيارەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرى ئارقىلىق بېكىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنى قايتۇرماسلىق تەدبىرى قارارلىرى بىلەن ئۇنى خىتايغا قايتۇرىدىغان مەسىلە توختىتىلغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باكىركۆي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-ئېغىر جازا سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى سىياسىي قارار دەپ قاراپ، ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قايتۇرۇلۇش داۋاسى چاغلىيان 29-ئېغىر جازا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا ئىككى خىل سوت بار ئىدى، بۇنىڭ بىرىنچىسى قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى، ئىككىنچىسى بولسا چېگرادىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسى ئىدى، چۈشىنىش جەھەتتە بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم جەريان ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن بۇ گۈزەل قارار تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى، بىز ئابدۇقادىر ئەپەندىنى 2016-يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنىدۇق. ئوخشاشلا يەنە تۇتۇپ تۇرۇلغان شەرت-شارائىتلارنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇنى يالغۇز كىشىلىك يەرگە سولاپ قويغانلىقىنى ۋە بۇنداق يالغۇز قاماپ قويۇشنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئېتىراز بىلدۈرگەنىدۇق. ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى بىزنىڭ ئېتىرازلىرىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بېكىتتى. ئاساسىي قانۇن سەت مەھكىمىسى، ئابدۇقادىر ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق بىر دەلىل ئىسپات يوق دەپ قارار بەردى. بۇ بىر ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. ئەمما بۇ داۋام قىلىۋاتقان قايتۇرۇش دەۋاسىغا بىۋاسىتە بىر تەسىرى بولمايدۇ. بىراق، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قارار قايتۇرۇلۇش داۋاسىغا يەنىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ».

ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش جىنايەتلەرنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەتلىرىنىڭ جىنايەت ئارتىشقا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپتىن باشقىدىن دەلىل-ئىسپاتلىق ھۆججەت تەلەپ قىلغان. خىتايغا قايتۇرۇش ياكى قايتۇرۇلماسلىق قارارنى بېرىدىغان بۇ داۋا، خىتايدىن كېلىدىغان ھۆججەتلەرنى كۈتمەكتىكەن. ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ئۇ ھۆججەتلەر ھازىرغىچە كەلمىگەن بولۇپ، ئەگەر خىتايدىن تەلەپ قىلغان ھۆججەت كەلمىسە سوت مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ قارارىنى بېرىدىكەن.

ئادۋوكات ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ئۈستىدىن بۇ يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنە سوت ئېچىلىدىكەن. ئىبراھىم ئەپەندى: «ياخشى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز. تېخىمۇ ياخشى قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز»، دېدى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن بۇ يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سوت ئېچىلغان بولۇپ، ئۇ سوتتا ئابدۇقادىر ياپچان ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچاننى ئۆزىنىڭ ئۆيى جايلاشقان ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسىگە قاراشلىق فەۋزىچاقماق مەھەللىسىدىن سىرتقا چىقماسلىق شەرتى بىلەن ئەركىن قويۇپ بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.