ئابدۇرېھىم غېنى: «ئېراسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەخسىي ھېكايەم ۋە ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتىم»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم گوللاندىيەنىڭ ئېراسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتماقتا. 2019-يىلى 9--ماي. روتتېردام، گوللاندىيە.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم گوللاندىيەنىڭ ئېراسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتماقتا. 2019-يىلى 9--ماي. روتتېردام، گوللاندىيە.
Social Media

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامنىڭ شەھەر مەركىزىدە بۇلتۇردىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇل ۋە ۋاستىلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ 10-ماي كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 9-ماي كۈنى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئېراسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسىي پەنلەر كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەرگەن.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاڭلىتىشى ئىكەن. ئۇ مەزكۇر دوكلاتنى تەشكىللىگۈچى ئادرېئانا خانىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئامستېردام شەھەر مەركىزىدىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشتا ئىشلىتىۋاتقان تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە مەكتەپكە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزى ئېلىپ بارغان تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى سۆزلەش بىلەن بىرلىكتە يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتكەن. 

ئۇ دوكلاتى داۋامىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پېشقەدەم بىلىم ئادىمىنىڭ «قايتا تەربىيە» دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولدى، دەپ سوئال قويغان. روتتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەمدە قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە ئىلگىرى كانادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى لېكسىيە پائالىيەتلىرىدە دوكلات بەرگۈچىلەر خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۆزى دوكلات بەرگەن ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى لېكسىيە پائالىيىتى ئالدىنئالا پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ ئىلگىرى ئۆزى ئامستېردام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغاندا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغان.

سۆھبەت جەريانىدا ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە غەربتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى بىر قاتار تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

تولۇق بەت