ئابدۇرېھىم غېنى: «مېنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىم ۋەتەندە غايىب بولغان تۇغقانلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈشتىن باشلاندى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.07.28
Abdurehim-Gheni-Ikki-Jumhuriyet-00.jpg يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى گوللاندىيە دام مەيدانىدا نامايىشىنى داۋام قىلماقتا. 2020-يىلى يانۋار، ئامىستېردام، گوللاندىيە.
Photo: RFA

گوللاندىيەدە 3 يىلدىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى 28-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى باشلىشىغا 2018-يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى ياز پەسلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ يۇرتى ئۇچتۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دېرىكىنى يۇرتى ئۇچتۇرپاندىن كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈرگەنلىكى، ئەمما ئىزچىل تۈردە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئولتۇرۇشلۇق قورۇ-جايلار 2016-يىلى چېقىۋېتىلىپ، ئۇلار باشقا جايغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانا، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بولۇپ، 16 نەپەر تۇغقىنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. كېيىن ئۇ باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئايالىنىڭ كەلپىندىكى ئىككى ئاكىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ 2017-يىلىلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئالغان.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى رادىيومىزغا يوللاپ بەرگەن تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى تۇغقانلىرىدىن 72 ياشلىق دادىسى ئابدۇغېنى خۇدابەردى، ئۆگەي ئاپىسى تۇنىساخان، يەككە تىجارەت قىلىدىغان 52 ياشلىق چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنى، يەڭگىسى زىننەتخان كىچىك، ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن 28 ياشلىق چوڭ قىزى پاتىمەم ئابلىكىم ئائىلىسى بىلەن، 24 ياشلىق ئىككىنچى قىزى ئامىنەم ئابلىكىم ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى، ئىككىنچى ئاكىسى مىجىت غېنى ئائىلىسىدىكى 5 جان ھەمدە ئىنىسى ئابدۇكېرىم غېنى قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 16 نەپەر تۇغقىنى 2018-يىلى ياز پەسلىدىن باشلاپ غايىب بولغان. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئايالىنىڭ ئاقسۇ كەلپىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاكىلىرى تۇرغۇن ھامىدىن، ئادىل ھامىدىن ۋە يەڭگىسى ئارزۇگۈل توختىلارنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ئارقىلىق تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋام قىلىۋاتقان 3 يىل جەريانىدا ساياھەتچىلەرنىڭلا دىققىتىنى قوزغاپ قالماستىن، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار، ھەتتا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئابدۇرېھىم غېنى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىسى پېتې ئوكسترا ئەپەندى دام مەيدانىغا كەلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشۇ قېتىم ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ دام مەيدانىغا كېلىشى ۋە ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ زور ئىلھام بولغان ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.