ئاتاقلىق ناخشىچى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر: «ئابدۇرەھىم ھېيت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بىر تىياتىر»


2019.07.26
Turuk-wekiller-Abdurehim-Heytni-Ziyaret-Qildi-201907.jpg «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدىكى خەۋەر. 2019-يىلى 26-ئىيۇل. تۈركىيە.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى كوممۇنىست ئىدىيەسىدىكى پارتىيە، گۇرۇھ ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى ئارقىلىق ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

25-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى «ئايدىنلىق گېزىتى» بىلەن ئودا تېلېۋىزىيەسىدە «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئېلان قىلىندى. 

«ئايدىنلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت بىلەن كۆرۈشتى» ماۋزۇلۇق بۇ ۋىدىيولۇق خەۋەردە ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغانلىقى، بۇ خەۋەرنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كرىزىس پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەردە «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ قىسقا خەۋەرگە قوشۇپ ئۇنىڭ ئابدۇرەھىم ھېيت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت سىنالغۇسىمۇ قويۇلغان. 

ۋىدىيولۇق خەۋەردە «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ باش تەھرىرى تۇنچ ئاققوچ ئابدۇرېھىم ھېيتنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 9 كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردۇق. خىتاي رەھبەرلەرگە ئابدۇرەھىم ھېيتنى زىيارەت قىلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاڭلاتتۇق. ئابدۇرېھىم ھېيت تۈركىيەدە تونۇلغان بىر سەنئەتكار. ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى يالغان خەۋەر دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولدى.»

ئارقىدىن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆيىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇ 5 قەۋەتلىك بىنانىڭ 5-قەۋىتىدە ئاددىي كىچىك 2 ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرىدىكەن. 5-6 خىتاي «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ مەسئۇلى تۇنچ ئاققوچ ئەپەندىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغان. ئابدۇرېھىم ھېيت 2015-يىلى 12-ئايدىكى ئەھۋالىغا قارىغاندا ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ، مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا خىتايچە جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا خىتايچە قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشىشىدىغان نۇقتىلار خېلى كۆپ. مەن خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىدىكى بېرىش-كېلىشلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»

ئابدۇرەھىم ھېيت سۆھبەت جەريانىدا تۈرك مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك سەنئەتچى ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان. 

بىز تۈركىيەدىكى «ئايدىنلىق گېزىتى» ئېلان قىلغان خەۋەر توغرىسىدىكى كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تونۇلغان تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر تىياتىر ئىكەنلىكىنىڭ بىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەۋەرنى كۆردۈم، ئۇ بىر تىياتىر، ئەمما بىزنى خۇشال قىلغان ئىش ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىدۇر. ئاڭلىشىمچە، سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىمۇ قويۇپ بېرىلىپتۇ. خەۋەردە ئابدۇرېھىم ھېيت ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن خىتايچە سۆزلەپتۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ دېگەن دىپلوماتىك سىياسىي سۆزلەر مۇھىم ئەمەس، بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ سالامەتلىكىدۇر. خۇدا ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن. چۈنكى ئابدۇرېھىم ھېيت مۇھىم بىر سەنئەتكاردۇر.»

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ داڭق چىقارغان پېشقەدەم سەنئەتكار بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ئەپەندى 2015-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر ۋە خوتەنگە زىيارەتكە بارغاندا ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بىر نەرسە دەپ سالسا بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە دىققەت بىلەن سۆزلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ خىتاينىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە دىققەت بىلەن سۆزلىگەن. مەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەندە مەن بىلەنمۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق ئىلىكىدە سۆزلەشكەن ئىدى. ھازىر تېخىمۇ دىققەت بىلەن سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى مۇزىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ناھايىتى ياخشى ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىدا كۆپ سوئاللارنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، ئۇنى ياخشى تونۇيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزى دېگەندەك راھەت ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۆزىنى خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. ئابدۇرېھىم ھېيت ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بىلەن سۆزلىمەي، خىتاي تىلىدا تەستە گەپ قىپتۇ، خىتايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىتىپتۇ، خىتاي تەرجىمان چۈشىنىكسىز قىلىپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپتۇ. ئۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن بىر تىياتىر دەپ ئويلايمەن.»
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ئارقا-ئارقىدىن تۈرك ھەيئەتلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. 

تونۇلغان سەنئەتكار بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يول بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بەزى نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما ئادەملەرنىڭ كۆزى كۆر ئەمەس. بەزى نەرسىلەر مۇخبىرلارنىڭمۇ كۆزىگە چېلىقىدۇ، كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلىدۇ. خىتايمۇ ئاستا-ئاستا بۇ ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىدۇ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى تېخنولوگىيە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنى توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىدىيىسىنى ياقلايدىغان بەزى كىشىلەر، پارتىيە ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بار، ئەمما بۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، تۈرك خەلقى بۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدۇ.»
قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم بۇنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان نەرسىنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ زورلاپ خىتايچە گەپ قىلدۇرۇلۇشى بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدە تونۇلغان بىر ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان خىتاينىڭ ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تونۇشىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «ئايدىنلىق گېزىتى» ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ غەلىبىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 
«ئايدىنلىق گېزىتى» دىن سىرت يەنە ئودا تېلېۋىزىيىسى، «مىللەت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گۆكھان قاراقاش ئەپەندىمۇ ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاپ كېتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ مۇخبىرلارغا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغان سۆزلەرنىلا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خامى ئەرسوي ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتايمۇ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قىسقا ۋىدېيو كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.