داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى ئالمۇتادا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.12.17
داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى ئالمۇتادا كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئالمۇتادىكى «ئىنتىزار» نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆرگەن «ئىز» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ مۇقاۋىسى. 2020-يىلى دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئەدەبىيات، ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە داڭقى چىققان شەخسلىرىنىڭ، يەنى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ، ئاتاقلىق مەرىپەتچىلىرىنىڭ، سەنئەتكارلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ، يازغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا ئالمۇتادىكى «ئىنتىزار» نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆرگەن ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ تۇنجى قېتىم كىرىل يېزىقىدا يورۇق كۆرۈشى شۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

مەزكۇر كىتاب جەمئىي 320 بەتنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف نەشرگە تەييارلىغان. كىتابنىڭ كىرىشمە قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئىستادېتلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ‹ئىز› رومانى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە 35 يىل مۇقەددەم يورۇق كۆرگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم كىرىل يېزىقىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنماقتا. خەلقىمىز تارىخىدىكى مۇھىم بىر دەۋرنىڭ ۋەقەلىرىگە بېغىشلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەزىنىسىگە قوشۇلغان نادىر ئەسەرلەر تەكچىسىدىن ئورۇن ئالغان مەزكۇر ئەسەر بىلەن تونۇشقان كىتابخانلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بېباھا مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ قالغۇسى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىنتىزار» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ قىممىتىنى، قەدرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا بەك زار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز مۇستەقىللىق بايرىمى ئالدىدا خەلقىمىزگە ئوقۇشقا تېگىشلىك ‹ئىز› رومانىنى سۇندۇق. بۇ رومان 35 يىل بۇرۇن ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا چىققان. چىققاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ، كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. لېكىن ئۇ ئەرەب يېزىقىدا چىققىنى ئۈچۈن بىز ۋەتەنگە كىرگەندە ئېلىپ چىققان. بىزدە ساقلىنىپ قالغان. ھازىر ئۆيىمىزنىڭ بايلىقى بولۇپ، شۇ كىتابلىرىمىز تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكادا ياشايدىغان قاھار بارات دېگەن ئالىمىمىز ناھايىتى توغرا گەپ قىپتۇ. ‹ھەقىقىي ئۇيغۇر بولۇش ئۈچۈن ئۇ ‹ئىز› رومانى بىلەن ‹ئانا يۇرت› رومانىنى ئوقۇغان بولۇشى كېرەك. شۇ ئىككى روماننى ئوقۇغان ئۇيغۇرنى مەن كامىل ئۇيغۇر، تولۇق يېتىلگەن ئۇيغۇر دەپ تونۇيمەن› دەپ ئېيتقانىكەن. مەن قېرىندىشىمىزنىڭ شۇ پىكرىنى ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قوللايمەن. ھەقىقەتەن شۇنداق.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مۇشۇ يىلى ئەتىياز پەسلىدە باشلانغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن نەشىرلەرنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، ئەنە شۇ چاغدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مەزكۇر «ئىز» رومانىنى كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىش ئىستىكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ۋە دەررۇ بۇ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ روماننى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا تەشۋىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ئوخشاش شائىر-يازغۇچىلار ئىجادىيىتىنىڭ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە، ئايرىم نەشىرلەردە، مەكتەپ ئوقۇش قوراللىرىدا داۋاملىق يورۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن، بىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىمىز بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرىمىز ئەنە شۇ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئورۇنلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پەقەت يەتتىسۇ تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بارلىققا كەلگەن شۇنداق قەدرىيەتلىرىمىزنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئېگە ئەدەبىي يادىكارلىقلىرىمىزنى ۋە شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلەردە نەشر قىلىنىۋاتقان بۈيۈك ئەسەرلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇئەللىپلىرىنى بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا تەرغىب قىلىشتا قازاقىستاندا دۆلەت خىراژىتىگە نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پېنى دەرىسلىكلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ياخشى مەلۇم.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر ۋە باشقىمۇ تۈرلۈك جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتىكەن. مۇنداق پائالىيەتلەر ئەلدە ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ئاسىيا بۈگۈن»، «ئاخبارات» قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردا يورۇتۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.