تەيۋەنلىك ساياھەتچىنىڭ ئادەمسىز قەشقەر كوچىلىرىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.01.27
kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer.jpg كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

ئۆزىنى ئابۇ دەپ ئاتىغان تەيۋەنلىك بىر ساياھەتچىنىڭ 5-يانۋار كۈنى يۇتۇب قانىلىغا يوللىغان قەشقەر ھەققىدىكى سىن فىلىمىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە مىڭغا يەتكەن.

سىن فىلىم باشلىنىشى بىلەنلا بۇ تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر ساياھەت مەركەزلىرىدىن قاناس، تۇرپان قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قەشقەر زىيارىتى ھەققىدىكى بۇ سىن فىلىمىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغان ئاچچىق ھەسرەتلىرىنىمۇ بايان قىلغان.

20 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئىلگىرى قەشقەرنىڭ مەشھۇر ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كوزىچى، يار بېشى مەھەللىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاۋاتلىقىنى يوقىتىپ، دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ سېلىنغان، كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغان بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى توغرىلىق خەۋەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايلىق ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىدە كۆرگەن ئەمەلىيىتىدە بىرمۇ-بىر ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ فىلىمدا ئۆزى ئۇچراشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، قەشقەردىكى كوزىچى ۋە يار بېشى مەھەللىلىرىنىڭ ئادەمسىز كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ خىل لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتە بارغانچە كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن جەنۇبتا تەكلىماكان بويىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تارقالغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا يەنە لاگېر يېنىغا قۇرۇلغان زاۋۇتلارنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ ئادەمسىز قالغان كوزىچى مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەھەللىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېقىمسىز قالغان بالىلىرىنىڭ «يەسلى» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشىنىڭ ئاللىقاچان سىياسىي، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشتىن ھالقىپ، نۆۋەتتە «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇش، ھەتتا قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئالدىدىكى ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەزكۇر سىن فىلىمى تارقالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاسلار قوزغالدى. ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە قىممەتلىك پاكىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنجىنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر فىلىمدا ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئالدى بىلەن فىلىمدا ئەكس ئەتكەن ئادەمسىز قەشقەر كوچىسىنىڭ ئۆزىگە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋەيران بولغان ياۋروپا شەھەرلىرىدىكى ئادەمسىز كوچىلارنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ قەشقەردەك بىر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خارابلاشقان مەنزىرىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ خىل ئادەمسىز مەھەللىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەممە شەھەرلەردە دېگۈدەك مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر يەنە فىلىمدا تىلغا ئېلىنغان رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشى، ھەتتا قوللاش پوزىتسىيەسى بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.