ب د ت نىڭ -15نۆۋەتلىك ئەيدىز يىغىنى باڭكوكتا ئېچىلدى


2004.07.12

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ -15نۆۋەتلىك خەلقارا ئەيدىز يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى، تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى. 15مىڭ كىشى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 35دۆلەتنىڭ مىنىستېر ۋە سەھىيە خادىملىرى ئالدىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاسىيادا كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە تېز تارقىلىۋاتقانلىغىنى جىددى ئاگاھلاندۇردى. كوفى ئاننان سۆزىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ، بۇ رايوننىڭ كەلگۇسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى، ھەمدە ھازىر ئاسىيادىكى ئەيدىز بېمارلىرىنىڭ، پۇتۇن دۇنيادىكى ئەيدىز ئومۇمىي ساننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدىغانلىغىنى، ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە ئاسىيادا بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۇرۇشكە بولمايدىغان جىددىي مەسىلە ھىساپلىنىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتىنىڭ چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئاسىيادىكى ئەيدىز كېسىلى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەر قاتارىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ناھايىتى ناچار ئىكەن. شۇنداقلا خىتايدا ھازىرغىچە 840مىڭ كىشى ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، -2010يىلغا بارغىچە 10مىليون كىشىنىڭ ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىغى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي باش مىنىستېرى ۋېن جىياباۋ بۇ قېتىملىق يىغىن مەزگىلىدە، “ پۇتۇن جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە كونترول قىلىشى كېرەك” دىگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى توپىنىڭ ھازىر ئادەتتىكى ئاممىغا قاراپ كېڭەيگەنلىگىنى، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىنتايىن قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتتى.

سابىق ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوختۇر پاڭيۈۋۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئوئىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا بولغان سەزگۈرلۈكنى چوقۇم يوقۇرى كۆتىرىشى كېرەكلىگىنى بىلدۈردى

“ بۇ مەسىلە ھازىر ئىنتايىن ئېغىر. مەن ئۆزەم بىر دوختۇر بولغانلىغىم ئۈچۈن، خىتايدىكى ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن. ھازىر بۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتمىسا بولمايدىغان بىر ۋاقىتقا كەلدى. ئەگەر بۇنىڭغا بىر ئامال قىلىنمىسا، كەلگۈسى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. خىتاي باش مىنىستېرىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشى بىر چوڭ ئىلگىرلەش. ئەمما ھەقىقەتەن تىرىشچانلىق كۆرسىتەمدۇ ۋە ئۈنۈمى بولامدۇ، بۇنى ئەمەلىيەتتىن كۆرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.”

پاڭيۈۋۇ دوختۇر يەنە، ساغلام بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن دوختۇرلارنىڭ ئىلگىرى يەنى -70يىللارنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانىلاردا ھىچقانداق جىنسىي كېسەللىكلەرنى كۆرۈپ باقمىغانلىغىنى، شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ جەمئيەت كەيپىياتىغا كۆپ تايىنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتايدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىگىنى تەكىتلىدى.

ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان يىغىندا بۇھەقتىمۇ توختىلىپ، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، جەمئيەتتىكى ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرىنى يوقىتىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ساۋاتىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخپارات ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باڭكوكتا ب د ت ئەيدىز يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، خەلقارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر سېپىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى ھىساپلىنىدىغانلىغىنى، ھەمدە كېلەر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پۇتۇن دۇنيا بويىچە خىزمەتتىكى 28مىليون كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلىدىغانلىغىنى جاكالىدى. مەزكۇر تەشكىلات دۇنيادىكى 50دۆلەتتە 15ياشتىن 64ياشقىچە بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سېپى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۇرىشىگە ئاساسەن بۇ دوكلاتنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر سېپىدىكى يوقىلىشنىڭ پۇتۇن دۇنيا بويىچە بىر يىلدا تەخمىنەن 25مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرىدىغانلىغى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارىسىدا ئاياللار تۆلەيدىغان بەدەل ئەڭ يوقۇرى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئەرلەردىن يوقۇرى ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.