پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا بېغىشلىغان قازاقسىتان ئۇيغۇر ئالىمى ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.04.05
پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا بېغىشلىغان قازاقسىتان ئۇيغۇر ئالىمى ۋاپات بولدى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى، پېداگوگ ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا بېغىشلىغان ئۆكتەبىر جامالىدىنوف(ئوڭدا) 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 2021-يىلى ئاپرېل.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى، پېداگوگ ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا بېغىشلىغان ئۆكتەبىر جامالىدىنوف 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆكتەبىر جامالىدىنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇ تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرىكەن. ئۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئېلىمى كەڭ تەرەققىي ئەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئەينى چاغلاردا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاندىن-1986يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇھىم رول ئوينىغانكەن. مەزكۇر ئىنستىتۇت ئون يىل مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ، ئېتنوگرافىيە ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئالىملار يېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دۇنيا مىقياسىدا مەشھۇر بولغانكەن.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتى «شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمىلەر» بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى خالمىنەم مەسىموۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-90-يىللىرى تىلشۇناسلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئېلىمىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ساھەسى بولغانىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، تونۇلغان تىلشۇناس ئالىم ئۆكتەبىر جامالىدىنوفنىڭ ۋاپات بولۇشى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئېلىمى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىشتۇر. ئۇ 1965-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىش دەرىجىسى» ماۋزۇسىدا دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئىلمىي دەرىجىسىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئالىم1966-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق مونوگرافىيە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولدى، «ئۇيغۇر تىلى» (ئەمەلىي كۇرس) ۋە «ئۇيغۇر تىلى فرازېئولوگىيەسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. 1993-يىلى مەزكۇر لۇغەت تولۇقلىنىپ، كېڭەيتىلىپ، شۇ نام بىلەن چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ يورۇق كۆردى. ئۆكتەبىر جامالىدىنوف پەقەت تىلشۇناسلىق ساھەسىدىلا ئىشلەپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم ساھەلىرىنىڭ بىرى بولغان قوشاقلارنى توپلاش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ باردى. 1979-يىلى «ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرى»، 1988-يىلى بولسا «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى تىلشۇناس ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەنبە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

خالمىنەم مەسىموۋا 1991-يىلى ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشى، 1996-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ياش ئالىملارنىڭ باشقا ساھەلەرگە كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى سانىنىڭ كەسكىن قىسقىرىپ، ھەتتا ئۇنىڭ يېپىلىش خەۋپىنىڭمۇ تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆكتەبىر جامالىدىنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى تىلشۇناس ئالىملار بىلەن بىرلىكتە تۆت توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى» تۈزۈشكە زور ھەسسە قوشقانكەن. لېكىن مەزكۇر ئەمگەك بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشر قىلىنماي قالغانىكەن.

ئۆكتەبىر جامالىدىنوف 1930-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بالىلىق چېغى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە بەك ئېغىرچىلىقتا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ 1956-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۆكتەبىر جامالىدىنوف 1960-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىكى بويىچە ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئۇ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدا، يەنى 1965-يىلى ئۆز تەتقىقاتى ئاساسىدا ئىلمىي ئۇنۋانغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئالىم 1980-يىلدىن باشلاپ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە پېداگوگىكىلىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆكتەبىر جامالدىنوفنىڭ يۇرتدىشى ۋە شاگىرتى، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مۇھەممىدىنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىر جامالىدىنوف ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، سانسىزلىغان مۇئەللىملەر، ژۇرنالىستلار، ئالىملار قوشۇنىنى تەييارلىدى. ئۇستازىمىز داڭلىق ئالىم بولۇش بىلەن بىر قاتاردا يۈكسەك ئادىمىي پەزىلەتلەر ساھىبى ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن باي ئىلمىي مىراس قالدۇردى. ئۆكتەبىر جامالىدىن ئوغلى شۇنداقلا مەكتەپ دەرسلىكلىرى بىلەن ئوقۇش قوللانمىلىرىنى يېزىپ، مىللىي مائارىپىمىز يۈكسىلىشىگە سېزىلەرلىك ھەسسە قوشتى. 1980-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى يېنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلدى. مەزكۇر بۆلۈم ئېچىلغان ئەڭ دەسلەپكى كۈنلەردىن ئېتىبارەن ئۆكتەبىر جامالدىنوف شۇ بۆلۈم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش پەنلىرىدىن لېكسىيەلەر ئوقۇدى. ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، ئۆكتەبىر ئاكا شۇ يىللاردىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلانغان بىر نەچچە دەرسلىك، كۆنۈكمىلەر توپلاملىرىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 7-سىنىپلىرىغا بېغىشلانغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ مېتودىكىلىق قوللانمىلىرىنى يېزىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆكتەبىر جامالىدىنوفنىڭ ئالىملار ساۋۇت موللاۋۇتوف ۋە قۇربان توختەموف بىلەن ھەمكارلىقتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان تۇنزھا چوڭ ئەمگىكى بولغان 8-سىنىپى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرىسلىك-خرېستوماتىيەسى 1962-يىلى يورۇق كۆرگەنكەن. ئاندىن ئۇنىڭ باشقىمۇ ئالىملار، ئۇستازلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئوقۇش قوراللىرى ھەر خىل يىللاردا نەشر قىلىنىپ كەلگەن. ئۆكتەبىر جامالدىنوف ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن تاشقىرى يەنە 1990-2000-يىللىرى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا، شۇنداقلا ئالمۇتا خەلقئارا ژۇرنالىستىكا(ئاخباراتچىلىق ) ئىنستىتۇتىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا، نەشرىياتلاردا، مەكتەپلەردە ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئىشلەپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.