ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى يۆلەپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.01.17
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى يۆلەپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئاشكارىلىدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى يۆلەپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئاشكارىلىدى.
Social Media

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى، ھىندىستان ۋە تەيۋەنگە ياردەم بېرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىز ۋە قوشنا ئەللەردىكى زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ئىدى.

ئامېرىكا «بلومبېرگ» تاراتقۇسىنىڭ 13-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبىرەيىن 1-ئاينىڭ 14-كۈنى «ئامېرىكا ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى لايىھەسى» نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018-يىل 2-ئايدا تەستىقلىغان بۇ ئىستراتېگىيە پىلانى 3 يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ شەرقىي-جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن. بۇ ئىستراتېگىيە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن رايون بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.

روبېرت ئوبىرەين ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كوممۇنىست خىتاي تەسەۋۋۇر قىلغان ئورتاق تەقدىر دائىرىسىگە كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكانىڭ ئۇسۇلى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بىز ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز، يەنى ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت بەرپا قىلىش غايىسىگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايمىز.»

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ئىستراتېگىيە پىلانى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ: «بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىش ۋاقتى قالمىدى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلەر قولغا كەلمىدى. ئەمما ئامېرىكا بۇ ئىستراتېگىيەگە يەنىلا مۇھتاج،» دېدى.

«ئامېرىكا ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى لايىھەسى» ئەسلىدە 10 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت بولۇپ، ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى، يەنى يەتمەكچى بولغان نىشانلار تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: خىتاينىڭ ئىقتىساد بۇلاڭچىلىقى ۋە تېخنىكا ئوغرىلىقىنى قەتئىي چەكلەپ، ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش؛ شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورال تەھدىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا تەھدىت سېلىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش؛ ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادتا بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش. بۇ لايىھەدە يەنە خىتاينىڭ بارغانچە غالجىرلىشىپ، تەيۋەننى قوشۇۋېلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكاسىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتىۋېلىپ، ئەركىن دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئامېرىكا گەرچە ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادتا بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خەۋپسىزلىك جەھەتتىمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئۈستۈنلۈك تالىشىش رىقابىتىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ھوقۇق ئالمىشىش مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان بۇ 10 بەتلىك ھۆججەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلان خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، ئانالىزچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ھەمدە ھەر خىل مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى تور بېكىتى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ ئىچكىي ۋەزىيىتى تازا مۇقىم بولمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئامېرىكانىڭ بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىشى ھېسابلىنىدۇ،» دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆججەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ‹خىتاي تەھدىتى نەزەرىيىسى› نى تېخىمۇ كۆپتۈرگەنلىك؛ ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسەت جەھەتتە بىر قاتار تاكتىكىلار بىلەن تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ غايىلەر بىلەن تۈزۈلگەن بۇ پىلاندىكى بەزى نىشانلارغا يېتىش تەس بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن. ئامېرىكا ئەگەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم مەركىزى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك رايوندا خىتاينىڭ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشىگە يول قويسا، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىكەن؛ ئەگەر بۇ رىقابەتتە خىتاينى ئۇتۇپ چىقىمەن دېسە، دۆلەت ئىچىدىكى تەرتىپىنى ساقلاش بىلەن بىرلىكتە ھىندىستان-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېتەكچى ئورنىنىمۇ ساقلاپ قېلىشى كېرەك ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ ئەمەلدالىرىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلىشقان بولۇپ، بۇمۇ يۇقىرىقى ئىستراتېگىيەنىڭ ھالقىلىق قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.