ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مۇسادىرە قىلغان 13 توننا چاچ مەھسۇلاتى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى (1)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.07.08
mejburiy-emgek-yalghan-chach-lager-1.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان 13 توننا چاچ مەھسۇلاتى ئۈستىدىن DNA تەكشۈرۈشىگە ئىجازەت بەرمەكچى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەھبۇسلارنىڭ چاچلىرى مەجبۇرىي كېسىلىپ، خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرىنىڭ تەييار خام ئەشياسى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى نيۇ-يورك شتاتلىق تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتايدىن كەلگەن 13 توننا، 800مىڭ دوللار قىممىتىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى. رادىيومىز ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمس مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

سوئال: ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مۇسادىرە قىلغان بۇ 13 توننا چاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى، كېيىنكى قەدەم نېمە؟

جاۋاب: بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرگىنىدە تۇتۇپ قېلىنىشى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئىيۇندا تارقاتقان ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ «تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 17-ئىيۇن چىقىرىلغان.

مەزكۇر بۇيرۇقتا ئاساسەن بۇ بۇيرۇقتا شەرھلەنگەن ئالاھىدىلىكلەرگە چۈشىدىغان ھەرقانداق يۈكلەرنى تۇتۇپ قېلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ بىز تىلغا ئېلىۋاتقان يۈكلەر نېۋارك پورتىغا كەلگەندە، بىز ئۇنى توختاتتۇق ۋە ئۇنىڭدىكى ماللارغىلا ئەمەس، بەلكى بۇ يۈكلەر يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بىزگە يوللانغان يۈك ھەققىدىكى ماتېرىياللارغا قاراپ چىقتۇق. بىز ئۇنىڭ «تۇتۇپ تۇرۇش، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى» دا تەسۋىرلەنگەن ئالاھىدىلىكلەرگە چۈشىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئاستىغا ئالدۇق. بۇ ئەھۋالدا، بىز ئەمدى بۇ مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغۇچىغا مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن 90 كۈن مۆھلەت بېرىمىز. ئەگەر ئۇلار 90 كۈنلۈك مۆھلەتتە يېتەرلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرمىسا، بىز بۇ ماللارنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمىز.

سوئال: خىتاينىڭ 30 دىن ئارتۇق چاچ مەھسۇلاتلىرى شىكەتلىرىنىڭ-2017 يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كىرگەنلىكى مەلۇم، بۇ قېتىم سىلەر مۇسادىرە قىلغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا ناملىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتەلەمسىز؟

جاۋاب: ھازىر بۇ مۇسادىرە بۇيۇملىرىنىڭ ماركىلىرىنى ئاشكارلىيالمايمەن. ئەمما بۇ ھەقتە «تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش» بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ بۇيۇملارنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقارغۇچىسىنىڭ «مېيشىن» شىركىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە چەكلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتەلەيمەن. بۇ ھەقتە بىزنىڭ تور بېتىمىزدىن يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايسىز.

سوئال: سىز بۇ چاچ مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتىڭىز، ئۇنداقتا، مۇسادىرە قىلىنغان چاچ مەھسۇلاتلىرىغا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولامدۇ؟

جاۋاب: بىزمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمىز. ھازىرقى قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، بۇ چاچلارنىڭ سۈنئىي تالالىق چاچ ياكى ئادەم چېچىدىن ياسالغانلىقىنى ئايرىپ چىقىش. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سىرتتىكى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەمما، DNA نىڭ قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرەلەيدىغان ياكى تەكشۈرەلمەيدىغانلىمىز ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.

‏سوئال: ئۇنداقتا، بۇ خىل DNA تەجرىبىسى ئېلىپ بارالايدىغان مۇتەخەسسىسلەر ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىجازەت بېرەمسىلەر؟

جاۋاب: بۇنى تەكشۈرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەمەس، بەلكى بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بېرىلگەن لابوراتورىيەلەر بولۇشى كېرەك.

مۆھتەرەم رادىي ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوت ئۆتكەن ھەپتە ئاخباراتلارغا ئەگەر بۇ 13 توننا چاچ مەھسۇلاتى راستىنىلا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قامالغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالسا، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغدش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىسنىڭ جاۋابلىرىدىن خوتەندىن ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلگەن «مېيشىن» چاچ مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى جەزىملەشتى.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خادىملىرىدىن ئېنقلىشىمىزغا قارىغاندا، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە DNA نەتسىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قانچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدىكەن.

برېندا سىمىس بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.