پومپېيو ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.01.10
پومپېيو ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، خىتاينى غەزەپلەندۈرىدىغانلىقى ۋە بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پومپېيو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا دىپلوماتلىرى، ھەربىي خادىملار ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ تەيۋەنلىك كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە مۇرەككەپ ئىچكى چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا بۇ قارارلارنى بىر تەرەپلىمە ھالدا يولغا قويغان. ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قويغان بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلغانلىقىمنى جاكارلايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چەكلىمىلەر تەيۋەن ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قوبۇل قىلماسلىق، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش توغرا كەلسە مېھمانخانا قاتارلىق بىرەسمىي سورۇنلاردا ئۇچرىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەزكۇر قارارى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى شياۋ مېيچىن خانىم بۇ ھەقتە يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «نەچچە ئون يىللىق كەمسىتىش بىكار قىلىندى. بۇ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىمىزدىكى غايەت زور بىر كۈن. مەن بۇنىڭدىكى ھەر بىر پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن،» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان ۋە ئۇنى ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت دەپ بېكىتكەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.