ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.03.20
xitayda-muxbir-qoghlanghan.jpg «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى Steven Lee Myers خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭنىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان باياناتىدىن كېيىن باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلاشماقتا. 2020-يىلى 18-مارت، بېيجىڭ.
AP

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى 2020-يىلى 18-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكالىق ژۇرنالىستلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى، ئامېرىكانىڭ ئاخبارات ھەرىكىتىگە قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى توختىتىشى ۋە ئاخبارات بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى ھەل قىلىشى كېرەك» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 18-مارت كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترېتت ژۇرنىلى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ 2020-يىل ئاخىرىغىچە مۆھلىتى بار مۇخبىرلىق كىنىشكىلىرىنى 10 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «دەۋر» ژۇرنىلىنىمۇ خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى، مالىيە، تىجارەت ۋە ئۆي-مۈلۈككە ئائىت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاشكارا ھالدا، بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ، ئامېرىكادىكى خىتاينىڭ ئاخباراتچى خادىملار سانىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا رادىئوسى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى ۋە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق 4 ئورگاننى «دۆلەت ۋاكالەتخانىسى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ئامېرىكادىكى 160 نەپەر خىزمەتچىسىنى 100 نەپەرگە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بۇ تەدبىرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغانىدى.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق ئورگانلارمۇ 18-مارت رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى ۋە بۇنى پىكىر-ئاخبارات ئەركىنلىكىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار 18-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 18-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ بۇ قارارى بىلەن، كەم دېگەندە 13 ئامېرىكالىق مۇخبىرنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇلار باياناتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىستلارنى قوغلاپ چىقىرىشى بەلكىم شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى تاجسىمان ۋىرۇس كرىزىسىنى ئىلگىرىكى خاتا بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، خىتاي ئىشلىرى قارمىقىنىڭ باشلىقى جوشۇئا روسېنزۋېيگ ئۈچ چوڭ گېزىتتە ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا ژۇرنالىستلىرىنىڭ قوغلىنىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇ نومۇسسىز ھۇجۇم خىتايدا، شىنجاڭدىن خوڭكوڭغىچە بولغان نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ رېئاللىقىنى بايقىغان مۇخبىرلارنى نىشان قىلدى. بۇ مەتبۇئات ئورۇنلىرى يەنە ۋۇخەننىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسى توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ بىرى. دۇنيا بىرلىكتە ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا موھتاج بىر پەيتتە، بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ قوغلىنىشى دۇنيا مىقياسىدا ۋە خىتايدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا ئاممىۋى ساغلاملىق ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى قارمىقىنىڭ باشلىقى جوشۇئا روسېنزۋېيگ خوڭكوڭدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ قارارىنى تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇخبىرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىككە چەك قويۇش ۋە شىنجاڭدىكى ئېغىر باستۇرۇش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھالقىلىق خەۋەر بېرىپ كەلگەن مۇخبىرلار، گەرچە ئۇلارنىڭ قوغلىنىشى پەقەتلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكى سەۋەبلىك بولمىسىمۇ ئەمما بۇ جاسارەتلىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشى بىلەن ئەزەلدىن ئاخبارات ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن دۇنيانىڭ خەۋەردار بولۇشى تېخىمۇ زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ ئوخشاش دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ئېقىمىغا موھتاج پەيتتە، خىتاينىڭ ئالغان بۇ قارارىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ قوغلىنىشىنىڭ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى تېخىمۇ بوغۇپ قويىدىغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئۈچ چوڭ ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەك.» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەدبىر خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى خىتاي چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خىزمەت كىنىشكىسىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم يېڭىلاش تەلىپىنى قويۇپ كەلگەن. قىسمەن ئەھۋاللاردا مۇخبىرلارنىڭ ئالتە ئايدا بىر قېتىم، ھەتتا ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ بولغان ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ مۇخبىرلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدىمۇ خىزمەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى نومۇسسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكادا خادىملىرى قىسقارتىلغان 4 ئورگان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قوغلاش چىقىرىش قارارى بەرگەن يۇقىرىقىلار بولسا ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل ئەركىن ئاخبارات مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى. خىتاي بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ خىتايدا بولۇۋاتقانلاردىن خەۋەردار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى. چۈنكى بۇ مۇخبىرلار كۆپ قېتىم ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە ئوخشاش ئەڭ يېپىق جايلاردىن دۇنياغا خەۋەرلەر بېرىش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق ۋە خەتەرلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغان مۇخبىرلار ئىدى.»

سوفىي خانىم يەنە ھەتتا خوڭكوڭدا مۇخبىرلىق قىلىشىنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل ئەركىن ئاخباراتىنىڭ مۇخبىرلىرىنى چەكلىشى ئەمەس، ھەتتا ژۇرنالىستلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندا (ماكاۋدا) ئىشلەش ھوقۇقىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن چەكلىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇ قارار يالغۇز ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ناچارلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي بەلكى بۇ، مەزكۇر رايونلاردىكى ‹بىر دۆلەتتە، ئىككى خىل تۈزۈم› ئەندىزىسىدىكى ئاپتونومىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەدرىجىي يوقىتىلىشىنىڭ يەنە بىر مىسالىدەك قىلىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان قوغلاپ چىقىرىش ۋە ۋىزا رەت قىلىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىت ئىشلەتكەن ۋە ئۆچ ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ نىڭ ئۈچ مۇخبىرىنى قوغلىغاندىن باشقا، 2018-يىلى بۇززفەئەد خەۋەرلىرى مۇخبىرى ۋە 2019-يىلى «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاشنى رەت قىلدى. 2019-يىلى ئۇلار فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىمۇ ھازىرغىچە، مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى بولسۇن ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ پىكىر تەلەپ قىلغان ئېلېكترونلۇق خەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.