رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدىكى جىددىيلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي ھويلىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي ھويلىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
AP

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى ماقالىلەردىمۇ بۇ مەسىلە ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرە كۈچەيمەكتە. يېقىندا توققۇز دۆلەتنىڭ 18 داڭلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە مۇتەخەسسىسلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىل گېزىت» ئىدە ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر سكوسىريوفنىڭ «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاق قۇرۇلدى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاققا كانادا، ياپونىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى كىرگەن بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا ھوقۇقنى، ئىنسان ھەقلىرى ھوقۇقلىرىنى، ھەققانىي سودىنى قوغداشنى، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنىكەن. بۇنىڭغا خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى ئاقىۋەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى يوشۇرۇشى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەلىك مەۋجۇتلۇقىغا سۇيىقەست قىلىشى، تېخنولوگىيەلىك جاسۇسلۇقى، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەب بولغان.

رۇسىيە ئانالىزچىسى سېرگېي كژېمياكىننىڭ «پراۋدا» گېزىتىدە بېرىلگەن «ئامېرىكا ۋە خىتاي: ئىككى گىگانت كېلەچەك ئۈچۈن توقۇنۇشتا» ناملىق ماقالىسىدە تەيۋەن، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ ئۆز مەۋقەسىدە قاتتىق تۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادانىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ئېيتىلغان. چۈنكى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى بۇزغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى خېلى جىددىيلەشكەنىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى تىبەتنىڭ ھىندىستاننىڭ سېككىم شتاتى بىلەن بولغان چېگراسىدا ئىككى تەرەپ ھەربىيلىرى ئارىسىدا نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئاندىن ھىندىستاننىڭ كەشمىر شتاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان چېگراسىدىكى ئاقسايچىن رايونىدىمۇ ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن. ئاقسايچىن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنى باغلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون بولۇپ، بۇ مەسىلىلەردىمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشقانىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان سىياسەتشۇناسى غالىم ئاگېلېئۇئوف ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىزچىل ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنىڭدەك ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى بۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بولسا بۇنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەركىزى ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىلگىرىكىدەكلا ئۆزىدە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارىماي، مەركىزىي ئاسىياغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مەبلەغلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي لايىھەلىرى ئارقىلىق بۇ رايوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىنى خالىمىسىمۇ، كۆپرەك خىتاي مەبلەغلىرىگە مەنپەئەتدار بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقى بارا-بارا كۈچىيىدۇ. ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بولۇشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بولار ئىدى. سەۋەبى ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىنى، دېموكراتىيەنى قوغداش مەسىلىسىنى دائىم كۆتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ ھەم غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. كېلەچەكتە مەركىزىي ئاسىيا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۈچۈن ئاساسىي توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.»

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباينىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە نىسبەتەن تۇتقان باستۇرۇش سىياسىتى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇلارنىڭ قان-قېرىنداشلىرىدا خىتايغا قارىتا ياقتۇرماسلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەنىكەن. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ قازاقىستانغا ئىقتىسادىي بېسىپ كىرىشىمۇ خىتايغا قارشى سەلبىي كۆزقاراش پەيدا قىلغان. ئۇ قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ پەخەس بولۇش لازىملىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭمۇ كۆپرەك ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىسبېك سەرسېنباي ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ھەر قانداق بىر مەملىكەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەققىدە مەسىلىنى پەقەت ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى بۇنى غەرب ئەللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە قەدرىيەتلىرى قوغدالسا، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك خەۋپى ئازىيىدۇ. ھەر قانداق مەملىكەتتە بېسىم بولسا، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ساقلانمايدىغان بولسا، خەلق ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن كۈچ قوللىنىشقا مەزھبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرتقى دۈشمەنلەر پايدىلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ھەرىكەتلىرى بىزگە ئىنتايىن ھاجەت.»

رىسبېك سەرسېنباي بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ قارىمۇ-قارشى پوزىتسىيە ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ دائىم ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇپ كەلگەن بىر مەملىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭمۇ مەركىزىي ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ھەر قايسىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزغانلىقى، سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈستۈن كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئەللەرگە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

ئالمۇتادا ياشايدىغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ھازىر كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارادا ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭغا نىسبەتەن ھازىر كۆپلىگەن ئاساسىي دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ئويغىنىش، سەلبىي كۆزقاراش پەيدا بولدى. بۇ دۆلەتلەرنى بىرىكتۈرىدىغان بىر گۇرۇپپا مەسىلىلەر بار. ئىنسان ھوقۇقى، دېموكراتىيە، سايلام، سودا-ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىرىكتۈرەلەيدۇ. يېقىندا 9 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى بىرىكىپ، خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئارا كومىتېت قۇردى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى ۋەكىلى كىردى. شۇنىڭدىن خۇشال بولۇۋاتىمىزكى، بۇ پارلامېنتلار كومىسسىيىسىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى. ئومۇمەن ئامېرىكا ئاساسەن دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى بىرىكتۈرىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن باغلانغانلىقتىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بىرلىشىپ خىتاينىڭ بۇ تەسىر كۈچىنى چەكلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «لېكىن ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، تەرەققىيپەرۋەر دۆلەتلەر خەلقئارا پرىنسىپ دائىرىسىدە خىتاينىڭ پۈتكۈل دۇنياغا سېلىۋاتقان تەھدىتىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچى. بۇنىڭغا غەرب، ئەلۋەتتە، كېلىشمەيدۇ. قىيىنچىلىقلار بار. قانداق قىيىنچىلىقلار؟ بۇ ئامېرىكاغا باغلىق بولۇۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئامېرىكادا بولۇۋاتقان نامايىشلار ھەم ئۇلارنىڭ جىددىيلىشىشى. ئىككىنچىدىن، نويابىردا بولىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى. ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش. شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى. مانا بۇ مەسىلىلەر بىرلىك سەپ قۇرۇشقا توسالغۇ بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئامېرىكا بۇنى چوقۇم قىلالايدۇ، دەپ ھېسابلايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۈرمە-لاگېرلارغا قامىشى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا سەۋەبكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا تەيۋەن، تىبەت، خوڭكوڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت