ئامېرىكا كومپارتىيە ئەزالىرىغا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ياكى پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.10.04
USCIS-CCP-MEMBER-BAN-2.jpg ئامېرىكا پۇقرالار ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئورگىنى (USCIS) بىر يوليورۇق ئېلان قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ياكى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. 2020-يىلى 2-ئۆكتەبىر.
scis.gov

جۈمە كۈنى ئامېرىكا پۇقرالار ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئورگىنى (USCIS) ئامېرىكا كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئائىت بىر يوليورۇق ئېلان قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ياكى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

يوليورۇقتا مۇنداق دېيىلدى: «ئومۇمەن، باشقىچە كەچۈرۈم قىلىنمىغان شارائىت ئاستىدا، كومپارتىيەنىڭ ياكى باشقا مۇستەبىت پارتىيەنىڭ ئەزاسى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى باشقا مۇستەبىت پارتىيەنىڭ ئەزاسى ياكى ئۇنىڭغا چېتىشلىقى بار ھەر قانداق كۆچمەن ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنمايدۇ.»

بۇ قانۇن ئەسلىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت بەزى ماددىلار قوشۇلۇپ قايتىدىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. 

يوليورۇقتا 90 مىليون ئەزاسى بار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تىلغا ئېلىنمىغان. 

ھالبۇكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قانۇن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكاد مەڭگۈلۈك تۇرۇش ياكى ئامېرىكانىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدىكەن ھەمدە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئارىسىدىكى ئىدىيە پەرقىنىڭ چوڭىيىشىنى كۈچەيتىدىكەن.

USCIS بۇ سىياسەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ «ئامېرىكىنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان تېخىمۇ كەڭ قانۇنلارنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئ‍امېرىكا 1950-يىلى «دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ماقۇللاپ، تۇنجى بولۇپ كوممۇنىست ياكى مۇستەبىت پارتىيەلەرنىڭ چەتئەللىك ئەزالىرىنى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكىدا 2 مىليون 500 مىڭ خىتايدىن كەلگەن كۆچمەن بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك ختاي كومپارتىيەسى ئەزاسى بارلىقى، يەنە قانچىلىك ختاي كومپارتىيەسى ئەزاسىنىڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ياكى پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.