ئامېرىكانىڭ جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.04.17
nyu-york-times-xitay-visa.jpg «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ياكى توڭلاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىدىن ئېلىنغان.
nytimes.com

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى پەقەت 2018‏-يىلى ئىچىدىلا 30 نەپەر خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ياكى توڭلاتقان. خەۋەردە بۇ تەتقىقاتچىلار ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاش ھەتتا ئوغرىلاش ۋەزىپىسىدە بولدى دېگەن گۇمان بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ۋىزىسى بىكار قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىش ۋىزاسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىستىغبارات ئورگانلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغانلىقى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئاخبارات توپلاشقا مەجبۇرلىشى سەۋەب بولغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مۇتەخەسسىسلىرىنى جاسۇسلۇققا زورلاش ئەھۋالى بارلىقىغا ئائىت قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدارىلەر خىتاينىڭ ئىستىغبارات ئورۇنلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىدىن ئالغاندا بۇ تەتقىقاتچىلار ئىشلەۋاتقان ئىدارىلەردىكى ئاتالمىش پارتكوم، رەھبەرلىك جەھەتتە ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە. ئۇلار ھۆكۈمەت نامىدا تەتقىقاتچىلارغا بىۋاسىتە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن ئۇچۇر-ئاخبارات توپلاشقا، يىغىنلاردا ئۆز نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك مەسىلە بارغانچە ئېغىرلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە».

ئىلگىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن شىيا يېلىياڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن قاراشلىرى سەۋەبلىك خىتايدا بېسىم-تەقىپلىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قوغلانغان ۋە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلانغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان خىتاي تەتقىقاتچى خادىم ۋە پروفېسسورلىرىغا قاراتقان بېسىملىرى ئىچىدە، ئۇلارنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئاخبارات-ئۇچۇر توپلاشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن پروفېسسور شىيا يېلىياڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش زۆرۈر ئىكەن.

شىيا يېلياڭ ئەپەندى ۋىزىسى بىكار قىلىنغان 30 نەپەر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە تونۇش بولغان نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خىتاي جەنۇبىي ئوكيان تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى، پروفېسسور جۇ فېڭ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

«مېنىڭچە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشى قاراتمىلىققا ئىگە. بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلمىغان. تەكشۈرۈلۈپ ۋىزىسى بىكار قىلىنغانلار ئىچىدە جۇ فېڭ ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئىدى، ھازىر نەنجىڭدىكى بىر ئورگاندا ئىشلەۋېتىپتۇ. جۇ فېڭ نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ نەنجىڭدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئورگانغا كەتتى، بۇ ئورگانغا مەبلەغ سالغۇچى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇشى كېرەك. جۇ فېڭغا مەنپەئەت ياكى ئالاھىدە ھوقۇق ۋەدە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسا كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ ۋىزىسى بىكار قىلىنغان نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ فىڭ ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ تاشقى مۇناسىۋىتى ۋە بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا خىتاي-ئامېرىكا ھەربىي ئىشلىرى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خىتايچە خەۋىرىدە يەنە دانولد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشلىرىغا قارىتا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكا ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا چەكلىمە قويغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىلىرىدىن ئۇچۇر ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىلغان.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكانىڭ ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكانىڭ تېخنىكادىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2049-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ پۈتكۈل يەر شارىنىڭ پەن-تېخنىكاسىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 30 نەپەر خىتاي تەتقىقاتچى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشى، ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جان-پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر چوڭ زەربە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى چوقۇم شۇنداق قىلىشى لازىم دەپ بىلگەنلەر. ئەمما يەنە بىر قىسىم بىلىم ئادەملىرى پەقەت تەتقىقات بىلەنلا شۇغۇللانغۇچىلار، ئۇلار ھۆكۈمەت ئۈچۈن مەلۇم رول ئېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلالايدۇ. ئۇلار دادىللىق بىلەن سەن بىزنى بۇنداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىساڭ مەن ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالىمەن دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلالايدۇ».

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىشى قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈشكە دۇچ كەلگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېي 2018-يىلى2‏-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ «پۈتكۈل ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلانغانلىقى» ۋە «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دانولد ترامپ مۇ بۇلتۇر تۋىتېرغا يوللىغان بىر ئۇچۇرىدا، ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىقاتچى، ئوقۇغۇچى قاتارلىق كۆپ خىل ناملاردا ئۆز جاسۇسلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىما قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2018-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دانولد ترامپنىڭ نېۋجېرسىدىكى ئۆزىنىڭ گولف توپ مەيدانىدا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سودا شىركەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قاتناشقان بىر زىياپەتتە خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئىما قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.